رومىنىيە خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى توختاتتى

رومىنىيە خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى توختاتتى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي مەبلىغىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كۈنسېرى تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، رومىنىيە بۇ جۈمە خىتاي باش يادرو ئېلېكتىر گۇرۇھى بىلەن تۈزگەن رۇمىنىيەدە ئىككى يادرو رېئاكتورى قۇرۇش كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
رومىنىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، رومىنىيە دۆلەتلىك يادرو ئېلېكتىر شىركىتى رەسمىي قارار چىقىرىپ، خىتاي بىلەن رومىنىيەنىڭ بۇلتۇر 8-مايدا ئىمزالىغان يادرو ئېنېرگىيەسى كېلىشىمىنى بىكار قىلغان. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاينىڭ باش يادرو ئېلېكتىر شىركىتى رومىنىيە دۆلەتلىك يادرو ئېلېكتىر شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، چېرناۋودا (Cernavoda) يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا 3-ۋە 4-گۇرۇپپىسىنى قۇرماقچى بولغان.
خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن توختام ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، رومىنىيە دۆلەتلىك يادرو ئېلېكتىر شىركىتى تاشقى دۇنيادىن خېرىدار چاقىرىدىكەن. بۇ ئىككى يادرو رېئاكتورىنىڭ مۆلچەردىكى مەبلىغى ئالتە مىليارد ياۋرو ئىكەن.
ئۆتكەن بىر يىلدا ۋەزىيەتتە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا خىتاي يادرو ئېلېكتىر گۇرۇھىنى ھەربىي مەقسەتتە ئامېرىكىنىڭ يادرو تېخنىكىسىنى ئوغرىلىماقچى، دەپ ئەيىبلىگەن ۋە قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. بۇ قارارغا ئاساسەن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي يادرو ئېلېكتىر گۇرۇھى ۋە ئۇ ھەمكارلاشقان شىركەتلەرگە ئۈسكۈنە ئېكسپورت قىلىشى چەكلەنگەن. يەنە بىر تەرەپتىن فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ خىتاينىڭ مەبلىغىگە ئىشەنمەيدىكەن.
5-ئاينىڭ ئاخىرىدا رومىنىيەنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى پوپېسكۇ: «رومىنىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار، بىز ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىرىمىزنى ھۆرمەتلەيمىز» دېگەن. شۇڭا ئۇ رومىنىيە دۆلەتلىك يادرو ئېلېكتىر شىركىتىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىن ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەپ، ئىككى يادرو رېئاكتورى قۇرۇشقا مەبلەغ سالغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 856 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2020 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق