بېيجىڭدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 51 كىشى بايقالدى


بېيجىڭدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 51 كىشى بايقالدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا 51 كىشى يېڭىدىن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان.

خەۋەردە،6 -ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە بولغان تۆت كۈن ئىچىدە ، بېيجىڭدا 51 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ،  بېيجىڭدىكى يېڭى كۆكتات ۋە گۆش بازىرى تاقىۋېتىلگەنلىكى، ۋىرۇس يەنە، بېيجىڭغا قوشنا لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە كېڭەيگەنلىكى،  بېيجىڭنىڭ  ئالاھىدە مەزگىلگە قەدەم قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بېيجىڭدىكى يېڭى يۇقۇم دولقۇنىغا قارىتا ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بورسىنىڭ ئەزاسى ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن چۈنلەن 14-ئىيۇن بىرلەشمە مۇداپىئە ۋە بىرلەشمە كونترول قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا ، بېيجىڭدىكى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىش خەۋپىنىڭ يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىگەن. ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىدا مەسئۇلىيىتى بار بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قلىغان.

سۈن چۈنلەن يىغىندا يەنە، ۋىرۇس يۇقۇمى يېڭى رايوندىكى يېڭى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى بىلەن ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى،  يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،بېيجىڭدا 6-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 24 گىچە، يەرلىكتىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 463، دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 411، دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقانلار 43، قازا قىلغانلار جەمئىي توققۇز بولغان، ھازىر كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن بىرى بار ئىكەن.  6-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 24:00 گىچە، دوكلات قىلىنغان چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 174، دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 173، دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقانلار بىر بولغان.

شاڭخەي شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۈگۈن ئەتىگەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،نۆۋەتتە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بۇ بىمار بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكىلىپ داۋالانىۋاتقانلىقىنى،  ئۇ چىققان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يېقىندىن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

 چۇڭچىڭ شەھەر دائىرىلىرى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان سۇدانلىق بىماردىن بىرى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن ئىككىسى (ئوخشاشلا سۇداندىن كەلگەن)نىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكىنى دوكلات قىلغان.

بۇ خەۋەر 601 قېتىم كۆرۈلدى
15/06/2020 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق