خىتايدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 106 گە يەتكەن

خىتايدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 106 گە يەتكەن

خىتاي سەھىيە منسىترلىكى 15- ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن 40 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن 40 ئادەم يۇقۇملىنىپ جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  106 كە يەتكەن. بۇلار ئىچىدە بېيجىڭدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 27 ئىكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا ، 15-ئىيۇن سائەت  0 دىن 24-گىچە ، 40 يېڭى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە 8 چەتئەللىك ئىكەن،  شاڭخەيدە 3  ، گۇاڭدۇڭدا 3 ، ئىچكى موڭغۇلىيەدە 1 ، لياۋنىڭدا 1 يېڭىدا يۇقۇملانغۇچى بار ئىكەن.  ئۇندىن باشقا يەنە خېبېيدا 4 ، سىچۈەندە 1 يۇقۇملانغۇچى بايقالغان.

تەڭرىتاغ تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە ، بېيجىڭنىڭ فېڭتەي رايونى، داشىڭ رايونى، شىچېڭ رايونى، خەيديەن رايونى، فاڭشەن رايونى، چاۋياڭ رايونى، دۇڭچېڭ رايونى، شىجىڭشەن رايونى قاتارلىق رايونلاردا ۋىرۇس يۇقۇمى كۆرۈلگەن.

خىتاي سەھىيە مىنستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا ئاتالمىش شىنجاڭ قۇرۇلۇش دېۋزىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  31 رايوندا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 40 كىشىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ بىراق ئاتالمىش شىنجاڭ قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىدە قانچىلىك كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدە تەپىسلى ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

بۇ خەۋەر 970 قېتىم كۆرۈلدى
16/06/2020 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق