خىتاي يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ مىڭلىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى توختاتتى

خىتاي يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ مىڭلىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى توختاتتى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى يۇقۇمغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسىنى ئىككىنچى دەرىجىگە ئۆستۈرۈپ، مىڭلىغان ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى توختاتقان.

بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى يېڭىدىن 31 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى، ئالتە كىشى يۇقۇملانغان بولسىمۇ بىراق كېسەللىك ئالامىتى يوق ئىكەنلىكىنى  ئېلان قىلغان.   

بېيجىڭ يۇقۇمغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسىنى ئىككىنچى دەرىجىگە ئۆستۈرۈپ  دەرسنى ئەمدىلا باشلىغان مەكتەپ بۈگۈن بارلىق دەرۋازىلىرىنى يەنە تاقىغان.

بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن بېي سەيشەنبە كۈنى كەچتە بېيجىڭنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ 16-ئىيۇندىن باشلاپ ئىككىنچى دەرىجىگە ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى خەتەرلىك كوچا ۋە يېڭى بازارلاردىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىشىنى چەكلىگەن. تۈنۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە دائىمىي كومىتېتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن قەتئىي تەڭشەپ ، بارلىق مەھەللىلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ئاساسلىق خادىملارنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىشىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى تولۇق يولغا قويۇشىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 16-چېسلا كەچتە ، بېيجىڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەندىن كېيىن ، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ، بېيجىڭدىكى ئىككى ئايرودۇرۇمدا % 70 كە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

بېيجىڭ كۈندىلىك گېزىتى ۋە كۈندىلىك ئىقتىسادىي خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر ، بېيجىڭ ئايرودۇرۇمى جەمئىي 1255 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 615 قېتىم سىرتقا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش نىسبىتى% 67.14 بولغان.

بۇ خەۋەر 580 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2020 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق