خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرى خەتەرلىك رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن

خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرى خەتەرلىك رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدىمۇ ۋىرۇس بايقىلىپ خەتەرلىك رايون تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھازىرغىچە كېڭەيمەكتە ئىكەن. 21- ئىيۇن يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان  22 كىشى بايقالغان.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بېيجىڭنىڭ ئىككى رايونى خەتەرلىك رايونلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.  بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپى سەي چى 21-ئىيۇن «نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر ۋە مۇرەككەپ» دېگەن.  

مەلۇم بولۇشىچە ، جۈمە كۈنى بېيجىڭ كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بېيجىڭدا يېڭى يۇقۇمنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ بىراق بېيجىڭدا يەنە ھەر كۈنى يېڭى يۇقۇملار كۆپەيگەن.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ «يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش» دوكلاتىغا قارىغاندا ، 6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 15:00 گىچە ، بېيجىڭدىكى ئىككى جاي يەنە خەتەرلىك رايونغا قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.  21-ئىيۇنغىچە ، بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىدىكى خەتەرلىك رايونلىرى 37 گە يەتكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، تيەنجىندىكى ۋىرۇس بىلەن يوقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن بىمارلارنىڭ  بېيجىڭدىكى بىمارلارنىڭ ئەھۋال بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، مەزكۇر  بىمارلار 14 كۈن ئىچىدە سىرتقا چىقمىغان. 16-ئىيۇن قىزىتمىسى ئۆرلەشكە باشلىغان.

بېيجىڭ سەھىيە ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، خۇبېي ، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن خادىملارنى قوبۇل قىلىپ ، جەمئىي 212 تەكشۈرۈش خادىمى بىلەن 10 سىناق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ، بېيجىڭنىڭ سىناق تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانلىقىنى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى رەسىمى ئىشقا چۈشكەندە، ھەر كۈنى  بېيجىڭنى تەخمىنەن 30،000 ئەۋرىشكە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

يەكشەنبە كۈنى خىتايدا يېڭىدىن 26  كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان  ئۈچ كىشى بېيجىڭغا يېقىن خېبېيدا بايقالغان.  

بۇ خەۋەر 670 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2020 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق