خىتاي خەلقئارا بېسىمدىن باشقا ئېغىر ئاپەتكە دۇچ كەلگەن

خىتاي خەلقئارا بېسىمدىن باشقا ئېغىر ئاپەتكە دۇچ كەلگەن

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 23- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، خىتاي داۋام قىلىۋاتقان ۋىرۇس ھەمدە خەلقئارادىكى سىياسىي بېسىمدىن باشقا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن.

 گەرچە تاراتقۇلار  ھازىر خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ياز پەسلىنىڭ يېقىنلىشىشى سەۋەبىدىن خىتاي كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان قاتتىق يامغۇر چۇڭچىڭ ، خۇبېي ، گۈيجۇ ۋە گۇاڭشى قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن  كەلكۈن ئاپىتى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاپەتتە كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيان تەپسىلىي خەۋەر قىلىنمىغان بولسىمۇ خىتاي ئېغىر تالاپەتكە يولۇققان.

بىر قانچە كۈن ئىچىدە يەنە، خىتاينىڭ  ئۈچ جىلغا توسمىسى كىرىزىسى (سەنشيا ) توغرىسىدىكى خەۋەر يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا ، خەلقئارا تاراتقۇلار يېقىندا ئۈچ جىلغا توسمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا باشلىغان.  

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىگە قارىغاندا ، ئۇدا ياغقان قاتتىق يامغۇر ئۈچ جىلغا سۇ ئامبىرى رايونىدىكى سۇ ئورنىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش چېكىدىن ئېشىش نىسبىتى ئىككى مېتىرغا يەتكەن.  شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆتكەن يىلى يازدا ، «ئۈچ جىلغىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشكە ئاز قالدى» سەرلەۋھىلىك دوكلات قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.  يېقىندا ، يەنە خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ئۈچ جىلغا توسمىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلەنگەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان.

خىتاي خەۋىرىگە قارىغاندا ، چىڭيۈەن شەھىرى فوگاڭ ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن يېزا-بازارلار تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە سۇ يىغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن ، ئاھالىلەرنىڭ قاپسىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ خەۋەر 707 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2020 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق