خىتاي ئىسلام سىمۋوللىرىنى چىقىپ دىنغا قارشى سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا

خىتاي ئىسلام سىمۋوللىرىنى چىقىپ دىنغا قارشى سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا

زىمىستان تورىنىڭ 24- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئىسلامنىڭ سىمۋوللىرىنى چېقىپ ئىسلام دىنىغا قارشى رەزىل سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش بەش يىللىق رەزىل پىلان دائىرىسى ئىچىدە، مەسچىت قۇرۇلۇشلىرىدىكى ئىسلام بەلگىسىنى داۋاملىق چېقىپ ، ئىسلام ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى قەدىمىي شەھەر دالى شەھىرىنى مۇسۇلمانلارنى «خىتايلاشتۇرۇش » نىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ، ئىسلام مەدەنىيىتىگە زەربە بېرىش نىشانى قىلغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا شىمېن مەسچىتى ۋە تارىخى نەنمېن مەسچىتىنىڭ گۈمبەز ۋە ھىلال ئاي بەلگىسى چېقىۋەتكەن. ئۇندىن باشقا جەنۇبىي دەرۋازا مەسچىتىدىكى ئىسلام مەدەنىيەت سىمۋوللىرىنىڭ ھەممىنى چىقىپ، تۇرنىغا سوتسىيالىستىك قىممەت قاراش مەزمۇن قىلىنغان  پىلاكات ۋە شوئارلىرى بىلەن تولدۇرىۋەتكەن.

نەنمېن مەسچىتىنىڭ جامائىتىدىن بىرسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي مۇسۇلمانلارنى قورقۇتۇپ ئىسلام ئېتىقادىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، مەسچىتتىكى ئەرەبچە يېزىق بار بويۇملارنىلا ھەممىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان .

خىتاي بۇ يىل 5- ئايدا  يەنە، دالى شەھىرىدىكى نەنۋۇلىچىياۋ مەسچىتىنىڭ ئۈچ گۈمبەز ۋە ھىلال ئاي بەلگىسى « گۈمبەز  چەتئەل مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى، گۈمبەزنىڭ خىتايدا بولۇشى چەتئەل مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئىكەنلىكى»نى باھانە قىلىپ چېقىۋەتكەن.

نەنۋۇلىچىياۋ مەسچىتىدىكى كۇنمىڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى دالى تارمىقىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقى بىناسىنىڭ شەكلىمۇ خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىلگەن. ھەتتا ياتاق بىناسىنىڭ ئەگمە دېرىزىسى چاسا شەكىلگە ئۆزگەرتىلگەن.  

مۇسۇلمانلار مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بارلىق ئەرەبچە يېزىلغان پىلاكات ۋە بەلگىلەرنى ئېلىۋېتىش كېرەكلىكىنى  بولمىسا ئۇلارنىڭ تىجارەت قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى، دالى ساياھەت رايونى خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى رەزىل سىياسىتىنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى،  ھەتتا ئەرەبچە يېزىلغان بويۇملار ھەمدە قاچىلارنىمۇ چەكلەنگەنلىكىنى،  خىتاي ئىسلام دىنىغا قارشى ئىككىنچى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 815 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2020 18:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق