خىتاي توڭگانلارغا قارىتىلغان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى باشلىغان

خىتاي توڭگانلارغا قارىتىلغان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى باشلىغان

زىمىستان تورىنىڭ 24- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، خىتاي كومپارتىيەسى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى باشلىغان.

خىتاي تۇڭگانلار ئارىسىدىكى دىنى زات ۋە  دىندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا قارشى  مېڭە يۇيۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئەپجەشلەشتۇرۈشنى تېزلەتكەن.  ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ، خېبېي ئۆلكىسى ئىسلام جەمئىيىتى مەركىزى شەھەر شىجياجۇاڭدا « ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش » تېمىسىدا بارلىق ئىمام خاتىپلانى كۇرسقا تەشكىللىگەن.

مېڭە يۇيۇش تەربىيەسىگە  قاتناشقان ئىمام خاتىپلاردىن كومپارتىيەنى سۆيۈش،  خىتاينى سۆيۈش، جامائەتنى خىتاي سىياسىتىگە ماس ھالدا تەشكىللەش،  خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جۈمە كۈنى ئوقۇلغان خۇتبىلەرگە  سىڭدۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.  تەربىيەلەشكە قاتناشقان ھەر بىر كىشىگە خىتاي يېقىندا تۈزۈپ چىققان «ئىسلام دىنىنى ئىچكى جەھەتتە باشقۇرۇش تەدبىرلىرى» نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تارقىتىپ ، ۋەزىپە ئۆتەيدىغان دىنىي زاتلارنى سايلاشنىڭ ئاساسلىق شەرتى «خىتاي كومپارتىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى قوللاش» ئىكەنلىكىنى ئېنىق بەلگىلىگەن.

دىنى زاتلارغا ئۆتۈلگەن دەرسلەردە، «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش »نىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ يۈگىنى كومپارتىيە ئىكەنلىكىنى، كومپارتىيە سىزنى قانداق مېڭىشقا يېتەكلىسە شۇ تەرەپكە مېڭىشنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خېبېي ئۆلكىسىدىكى بىر ئىمام ئۇھسىنغان ھالدا « توڭگانلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ، كومپارتىيە ئاستا-ئاستا ئېتىقادىمىزنى ئەبجەش قىلىپ ئۆزگەرتىپ يوقىتىدىغان بولدى» دېگەن.

بۇ خەۋەر 690 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2020 18:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق