خىتاينىڭ 100 يىللىق تارىخقا ئىگە شىنىڭ مەسچىتىنى چېقىپ ئۆزگەرتىش پىلانى ئاشكارىلاندى

 خىتاينىڭ 100 يىللىق تارىخقا ئىگە شىنىڭ مەسچىتىنى چېقىپ ئۆزگەرتىش پىلانى ئاشكارىلاندى

زىمىستان تورىنىڭ 25- ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، خىتاي

كومپارتىيەسىنىڭ 26 مىليون يۈەندىن ئارتۇق چىقىم كېتىشكە قارىماي توڭگانلارنىڭ شىنىڭ مەسچىتىنى 2021- يىلىدىن ئىلگىرى چېقىپ ئۆزگەرتىش پىلانى ئاشكارىلاندى.

خىتاي كومپارتىيەسى 2018-يىلدىن باشلاپ «ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش » ھەرىكىتىنى قايتا باشلىغان بولۇپ، نۇرغۇن مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلغان. خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدىمۇ مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنى توختاتمىغان. تۇڭگان مۇسۇلمانلار ياشايدىغان گەنسۇ ، خېنەن ۋە نىڭشيا قاتارلىق رايونلارغا قارىتىلغان ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى مىليونلارچە چىقىم كېتىشىگە قارىماي مەسچىتنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرى ھەمدە ھىلال ئايلارنى چېقىۋەتكەن.

گەنسۇ ئۆلكىسى بەييىن شەھىرىدىكى يوڭلې چوڭ مەسچىتىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرى بۇ يىل ئاپرېلدا چېقىۋېتىلگەن .

خېنەننىڭ جېڭجۇ، جىنشۈي رايونىدىكى نېجۇاڭ مەسچىتىنى چېقىپ خىتايچە ئۇسلۇبتا ياساشقا 2 مىليون يۈەن چىقىم قىلغان. جېڭجۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى گوڭماجۇاڭ مەسچىتىنى مەجبۇرىي چېقىپ، خىتايچە قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن  4 مىليون 200 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىشنى پىلانلىغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىدىن دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرىنىڭ چېڭدۇڭ رايونى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى توپلاشقان جاي بولۇپ ، بۇ يەردە ھىلال ئاي بەلگىسى ۋە ئېگىز تىكلەنگەن ئايلانما گۈمبەز قاتارلىق ئىسلام مەدەنىيەت مەنزىرىلىرى كۆپەيگەن. شىنىڭ شەھىرى چېڭدۇڭ رايونىدىكى مەسچىتنى چېقىپ ئۆزگەرتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى مەخپىي دوكلاتتا مەزكۇر رايوندىكى  A شەكلىدە سېلىنغان 19 مەسچىت بىنالىرىنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىشنى  پىلانلىغان.

ۋاڭجياجۇاڭ مەسچىتى ، جوڭجۇاڭ مەسچىتى ۋە شۇلىن يولى ئىسلام پائالىيەت مەيدانى قاتارلىق 10 مەسچىتنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان بولۇپ ، 10 مىليون 6379 يۈەن مەبلەغ كېتىدىغانلىقى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن.

ئۇندىن باشقا يەنە، 2021-يىلدىكى تۈزەش پىلانىغا شىنىڭدىكى مەشھۇر دوڭگۇەن چوڭ مەسچىتىمۇ كىرگۈزۈلگەن ، بۇ مەسچىت شىنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قەدىمكى ئىمارەتنىڭ بىرى ئىكەن. دوڭگۇەن چوڭ مەسچىتى  1914-يىلى سېلىنغان.  مەسچىتنىڭ ئۈستىدە ئىككى ئېگىز مۇنار ۋە چوڭ گۈمبەز بار بولۇپ، مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 47.7 مېتىر، چوڭ گۈمبەزنىڭ ئېگىزلىكى 19.36 مېتىر كېلىدىكەن. مەزكۇر مەسچىتنى چېقىپ ئۆزگەرتىش تۈرىگە 2 مىليون 163 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىش پىلانلانغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شىنىڭ شەھىرىنىڭ چېڭدۇڭ رايونىدىكى بىر قىسىم دىنىي سورۇنلار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر چېڭدۇڭ رايونىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن 2 مىليون 865 مىڭ يۈەن (404 مىڭ 800 دوللار) ئىئانە قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ، دۇڭگۇەن چوڭ مەسچىتى 1 مىليون (141،300 دوللار) ئىئانە قىلغان. چېقىپ ئۆزگەرتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن توققۇز مەسچىت جەمئىي 790 مىڭ ئىئانە قىلغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە ، تۇڭگانلار خىتاي بىلەن  ئاكا – ئۇكىدەك چىقىپ ئۆتكەن بولسىمۇ بىراق ئۇلاردىكى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بىردەكلىككە تەھدىت سالىدىكەن.  شۇ سەۋەبتىن ، تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ ، خىتاي تەرىپىدىن «ياخشى مۇسۇلمان» دەپ تەرىپلەنگەن تەقدىردىمۇ،  تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يەنىلا باستۇرۇلۇش تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن.

بۇ خەۋەر 725 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2020 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق