خىتاينىڭ بىر قانچە ئۆلكىسىدە مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ بىر قانچە ئۆلكىسىدە مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەردى

بۈگۈنكى خىتاي خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، خىتاينىڭ تىيەنجىن، خېبىي قاتارلىق بىر قانچە رايونلىرىدا بوران ھەمدە مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن.

25- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ تيەنجىن خېبېي قاتارلىق نۇرغۇن رايونلىرىدا شىددەتلىك بوران ئارىلاش مۆلدۈر ياغقان. گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە قىسقا مۇددەتلىك قاتتىق يامغۇر ئېغىر ئاپەت شەكىللەندۈرگەن. مۆلدۈر ئارىلاش يامغۇر يىغىشتىن بىر قانچە سائەت ئالدىدا نۇرغۇن جايلارنىڭ ھاۋاسىدا سۈتتەك غەلىتە كۆرۈنۈش پەيدا بولغان.

25-ئىيۇن كەچتە تيەنجىن شەھىرى كۈچلۈك گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە بۇلۇت توپىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئېتىزلاردىكى زىرائەتلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان ھەتتا دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى يېرىپ تاشلىغان .  بۇ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر قىسقا مۇددەت ياغقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن قويۇق چوڭلۇقى كەپتەر تۇخۇمىدەك مۆلدۈرمۇ قوشۇلۇپ ياغقان. ئاپتوموبىل ئەينەكلىرىنى چاققاندىن سىرت ئاپتوموبىللارنىڭ سىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن.

 

مۆلدۈر ۋە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە كۈچلۈك شامالنىڭ تەسىرىدە ، تيەنجىن شىچىڭ ۋوگزالىنىڭ تېمپېراتۇرىسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ ، بىر سائەت ئىچىدە 10 گىرادۇسقا يېقىن تۆۋەنلىگەن.

بۇ خەۋەر 827 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2020 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق