سىچۈەندىكى ئاپەتتە 12 ئادەم ئۆلگەن

سىچۈەندىكى ئاپەتتە 12 ئادەم ئۆلگەن

خىتاي چاڭئەن تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ سىچۈەندە يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئاپەتتە 12 ئادەم ئۆلۈپ 10 ئادەم يوقاپ كەتكەن.

سىچۈەن ميەننىڭ ناھىيەسى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 26-ئىيۇن سائەت 18 دىن 27-ئىيۇن سائەت 1 گىچە ، مىيەننىڭ ناھىيەسىنىڭ شىمالىدا تۇيۇقسىز قاتتىق بورانلىق يامغۇر ياغقان. يىخەي بازىرى ، گاۋياڭ كوچىسى ۋە لىڭشەن رايونىدا ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

28-چېسلا سائەت 16:00 گىچە داۋاملاشقان قاتتىق يامغۇر ئاپىتىدە 12 ئادەم ئۆلگەن 10 ئادەم يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ، يىخەي بازىرى قىسقا مۇددەتلىك قاتتىق يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. دەريا ئېرىقلارنى ئېلىپ كېتىپ  كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە 10 ئادەم يوقاپ  7 ئادەم قازا قىلغان. گاۋياڭ كوچىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى مىيەننىڭگە تەۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىن 248-نومۇرلۇق تاشيول ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ئېقىپ كەتكەن 10 يولۇچىنىڭ 5 نەپىرى قۇتقۇزۇۋېلىنىپ 2 ئادەم ئۆلگەن، 3 ئادەم يوقاپ كەتكەن.

پەۋقۇلئاددە يامغۇر ئاپىتى يىخەي بازىرى ، گاۋياڭ تارماق رايونى ۋە باشقا يېزا-بازار (كوچا) دىكى 2100 ئائىلىدە جەمئىي 9880 دىن ئارتۇق ئادەم ئاپەت ئىچىدە قالغان. 1705 ئائىلە بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەن. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  500 گېكتار زىرائەت ۋەيران بولغان، 80 نەچچە ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. 280  نەچچە ئۆي ئېغىر دەرىجىدە ، 2300 ئۆي يېنىك دەرىجىدە بۇزۇلغان.  10.5 كىلومېتىر تاشيول يول ، 370 مېتىرلىق 5 كۆۋرۈك بۇزۇلغان. 3 كىلومېتىر ئەتراپىدىكى ئېلېكتىر لىنىيەسى بۇزۇلغان.

بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 6:00 دە يەنە، خىتاي مەركىزىي مېتېئورولوگىيە كۆزىتىش مەركىزى يامغۇرلۇق ھاۋارايىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

 مۆلچەرلىنىشىچە ، 29-ئىيۇن سائەت 8:00 دىن 30- ئىيۇن سائەت 8:00 گىچە ، جېجياڭنىڭ مەركىزى ، ئەنخۇينىڭ جەنۇبى ، خېبېينىڭ شەرقىي جەنۇبى ، جياڭشىنىڭ غەربىي شىمالى ، خۇنەننىڭ شىمالى ، گۇيجۇنىڭ شىمالى ، سىچۈەننىڭ جەنۇبى، خېبېينىڭ شىمالى ، غەربى ۋە جەنۇبى ، شەندۇڭنىڭ غەربى ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.  بۇنىڭ ئىچىدە جياڭشىنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە خۇنەننىڭ شىمالىدا قاتتىق يامغۇر (100 دىن 180 مىللىمېتىرغىچە) بولىدىكەن.  يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم رايونلارغا قىسقا مۇددەتلىك قاتتىق ھۆل-يېغىن (سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى ھۆل-يېغىن مىقدارى 30 مىللىمېتىردىن 50 مىللىمېتىرغىچە ، يەرلىك رايون 70 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن) بىلەن بىرگە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە كۈچلۈك شامال چىقىدىكەن.

بۇ خەۋەر 693 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2020 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق