خىتاي يۈننەندە ئىسلام مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي يۈننەندە ئىسلام مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

زىمىستان تورىنىڭ 29- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈننەندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكان ۋە ئاشخانىلىرىدىكى ھىلال ئاي بەلگىسى ۋە باشقا ئەرەبچە يېزىق ھەمدە بەلگىلەرنى مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرغان. 

بۇ يىل 3-ئايدىن 5-ئايغىچە ، يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ پايتەختى يىزۇ شەھىرىدە  70 تۇڭگان دۇكىنىنىڭ پىلاكىتىدىكى ئىسلام بەلگىسى ۋە ئەرەبچە بەلگىلەرنى بوياپ ئۆچۈرۈۋەتكەن .

دۇكان خوجايىنلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى  ۋە باشقا تارماقلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇلاردىن دۇكان تاختىسىغا ئەرەبچە يېزىلغان ھالال بەلگىلىرىنى تازىلاشنى ياكى بەلگە تاختىسىنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ، بولمىسا ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدىكەن. يەرلىك ئەمەلدارلار بۇنىڭ خىتاي مەركىزىنىڭ بۇيرۇقى ئىكەنلىكىنى ، بەلگىلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن  بولسىمۇ  بىراق مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتمىگەن.

يەرلىك دائىرىلەر ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇلارغا مەركەزدىن ھۆججەت ئەۋەتمىگەنلىكىنى، ئەرەب تىلىنىڭ ھەممە يەردىن ئېلىپ تاشلىنىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم كاۋاپخانىنىڭ خوجايىنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى باستۇرۇشنىڭ سەۋەبى يوق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر تۇڭگانلار قارشىلىق كۆرسىتىپ ، قائىدە سۆزلىسە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇلارنى توپىلاڭ قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ جىنايەت بېكىتىپ  قولغا ئالىدىغانلىقىنى، يىزۇ شەھىرىدە ئەرەب تىلى چەكلەنگەنلىكىنى،  ھەمدە ئەرەبچە مەكتەپ ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى،  مۇسۇلمانلار بولمىسا بۇ رايون  50 يىلدا پۈتۈنلەي خىتاي بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يەنە بىر ئىمامنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لۇفېڭ ناھىيەسىدە،  بۇلتۇر 12-ئايدىن بۇ يىل 5-ئايغىچە ،  62 دۇكاننىڭ تاختىسىدىكى ئىسلام بەلگىلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەجبۇرىي ئالدۇرۇۋەتكەن.  ئۇندىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى يەنە، بارلىق مەسچىت گۈمبەزلىرىنى ئېلىۋېتىشنى بۇيرۇغان.  مۇسۇلمان ئەرلەر مەسچىتنىڭ سىرتىدا ئاق دوپپا كىيەلمەيدىغان، ئاياللار ھىجابلىنالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ يىل 5- ئايدا يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ شەھىرى چۇڭچىڭ ناھىيەسىدىكى 176 تۇڭگان دۇكىنىدىكى بارلىق ھالال بەلگىلىرىنى مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرغان.

بۇ خەۋەر 665 قېتىم كۆرۈلدى
30/06/2020 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق