خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتى ئۈچ جىلغا توسمىسىنى ۋەيران قىلىش ئالدىدا

خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتى ئۈچ جىلغا توسمىسىنى ۋەيران قىلىش ئالدىدا

بېيجىڭ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  چاڭجياڭ دەرياسىدىكى  1- نۇمۇرلۇك كەلكۈن ئۈچ جىلغا توسمىسىغا قىستاپ كەلگەن.

6-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا يامغۇر ئاپىتى ئۈزۈلمەي داۋام قىلغان. خىتاي  سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ  يۇقىرى ئېقىنىدا 1-نومۇرلۇق كەلكۈن شەكىللەنگەنلىكىنى ، كەلكۈن سۈيى ئۈچ جىلغا سۇ ئامبىرىغا قاتتىق بېسىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

 29-ئىيۇل ئۈچ جىلغا توسمىسىنىڭ ئىككى قاپقىقى ئىچىۋېتىلگەن . شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۈچ جىلغا سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيى ئۆلچەمدىكىدىن ئىككى مېتىر ئېشىپ كېتىپ 146.97 مېتىرغا يەتكەن. چۇڭچىڭنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە ۋۇخەننىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى ئۈچ جىلغا توسمىسى خەتەر ئىچىدە قالغان.  

چاڭجياڭ دەرياسى سۇ ئىشلىرى كومىتېتى ئىدارىسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئاساسىي ئېقىنىدا 1-نومۇرلۇق كەلكۈن يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدا :«قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ، چاڭجياڭ دەرياسى ، ۋۇجياڭ دەرياسى ۋە ئۈچ جىلغا رايونىنىڭ ئۈستۈنكى ئېقىنىدىكى كەلكۈن سۈيى كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقى، 2- ئىيۇن سائەت 10 دا ، سۇنىڭ ئامبارغا ئېقىپ كىرىش سۈرئىتى سېكۇنتتا 50 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، چۈشتىن كېيىن سائەت 2 گىچە كەلكۈن سۈيىنىڭ ئۈچ جىلغا سۇ ئامبىرىغا ئېقىپ كېرىش مىقدارى  سېكۇنتتا 53 مىڭ كۇب مېتىرغا ئۆرلىگەن. سۇ ئامبىرىغا ئېقىش مىقدارى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلىدە سېكۇنتىغا 35 مىڭ كۇب مېتىر قىلىپ بېكىتىلگەن ئىكەن.  چاڭجياڭ دەرياسى سۇ بايلىقى كومىتېتى 2-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت 8 دە كۆك رەڭلىك كەلكۈن ئاگاھلاندۇرۇشى ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ ، خۇبېي ، خۇنەن ، چۇڭچىڭ ۋە باشقا ئۆلكىلەرنىڭ دەريا بويىدا قاتتىق مۇداپىئە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۈچ جىلغا توسمىسى جايلاشقان خۇبېي ئۆلكىسىدە 27-ئىيۇندىن 1-ئىيۇلغىچە ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغقان. بۇ ئۆلكىلەرگە تەۋە 14 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ۋە 63 ناھىيەدە جەمئىي 1 مىليون 821 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان.  بۇنىڭ ئىچىدە 3 ئادەم قازا قىلدى ، 22 مىڭ 800 ئادەم جىددىي يۆتكەلگەن،  11 مىڭ 600 ئۆي بۇزۇلغان. ئۈچ جىلغا توسمىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنىدىكى خۇبېينىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى بىر سىندا  كۆرسىتىلىشىچە ، ئېغىر سۇغا چىلانغان يىچاڭ شەھىرى 2-چېسلا سېرىق يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش سىگنالى تارقاتقان.

2-ئىيۇل سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكى چۈشتىن كېيىن سائەت 12:00 گىچە ، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىدىكى 304 دەريانىڭ سۇ ئورنىنىڭ ئالدىنقى يىللارغا  قارىغاندا ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۆلچەرىچە ، كەلگۈسى بىر ھەپتە ئىچىدە چاڭجياڭ دەرياسى بويىدا يەنىلا ئۈچ قېتىم قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.

بۇ خەۋەر 669 قېتىم كۆرۈلدى
03/07/2020 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق