قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بۇ كىشىلەر ئېغىر جازالىنىدۇ

 

قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بۇ كىشىلەر ئېغىر جازالىنىدۇ

21- ئىيۇن بېيجىڭ ياشلار گېزى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، خىتاي قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولغان ئەمەلدارلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە قانۇن چىقارغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە،  مەزكۇر قانۇن 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ماقۇللان،

بۇ قانۇن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. مەزكۇر قانۇندا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ چېگرادىن چىققان ياكى شەخسىي ئىش بىلەن چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرگەنلەرگە كىچىك گۇناھ ياكى چوڭ گۇناھ يېزىلىدىغانلىقى،  قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدىغانلىقى ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ چەت ئەل تەۋەلىكىگە ئېرىشكەنلەر ياكى چېگرا سىرتىدا مەڭگۈ تۇرۇش سالاھىيىتى، ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش ئىجازىتىگە ئېرىشكەنلەر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى،  ياكى خىزمەتتىن ھەيدىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  

بۇ قانۇن بويىچە بولغاندا، ھۆكۈمەت خادىمى مەيلى شەخسىي ئىش بىلەن چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرسۇن ياكى چەت ئەل تەۋەلىكىگە ئىگە بولسۇن ياكى مەڭگۈ تۇرۇش گۇۋاھنامىسىغا ئىگە بولسۇن  بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىردەك قاتتىق چارە كۆرۈلىدىكەن.  

خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت خادىملىرى مەمۇرلار خادىملار،  قانۇن-نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرىدىغان خادىملار ،  دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا باشقۇرغۇچى خادىملار، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ، پەن تەتقىقات، مەدەنىيەت، داۋالاش، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ئورۇنلاردىكى باشقۇرغۇچى خادىملار؛ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان تەشكىلاتلاردىكى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، باشقا ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئادا قىلىدىغان خادىملار قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك خادىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاينىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكى ئالغانلارنى جازالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمىدە «ئاتا ـ ئانىسى ئىككى تەرەپ ياكى بىر تەرەپ خىتاي پۇقراسى بولسا، ئۆزى خىتاي تەۋەلىكىدە تۇغۇلغان بولسا، خىتاي تەۋەلىكىگە ئىگە بولىدۇ» دېيىلگەن.

 

 

بۇ خەۋەر 855 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2020 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق