خىتاي 400 يىللىق مەسچىتنى چاقتى

خىتاي  400 يىللىق مەسچىتىنى چاقتى

زىمىستان تورىنىڭ 6- ئىيۇل بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قورقۇتۇپ مەسچىتلەرنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتكەن.

خېنەن ئۆلكىسىدە خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن .

شاڭچيۇ شەھىرىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئىمامنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، خىتاي كومپارتىيەسى خېنەن ئۆلكىسىدىكى مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى خىتايچە ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغان. ئارقىدىن شاڭچيۇ شەھىرى مىنچۈەن ناھىيەسىدىكى بەش مەسچىتنى مەجبۇرىي خىتايچە ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىلگەن.  يېزا-بازاردىكى جاڭجۇاڭ مەسچىتىمۇ زەربىگە ئۇچرىغان. دائىرىلەر نامايىش قىلغان ياكى خىتاي سىياسىتىگە  قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلغانلارنى قولغا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

خىتاي رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنى قورقۇتۇپ ، مىنچۈەن ناھىيەسىدىكى چۇمياۋ يېزىلىق مەسچىتنىڭ بەش گۈمبەز ھەمدە ئاي يۇلتۇر بەلگىسىنى،  شاڭچيۇ شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ گۈمبىزىنى چېقىۋەتكەن.

 شۈچاڭ شەھىرى جيەنئەن رايونىدىكى ۋۇنۇدىيان بازىرى مەسچىتى 400 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە قەدىمكى مەسچىت بولۇپ ، 1998-يىلى يەرلىك مۇسۇلمانلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى پۇل يىغىپ بۇ قەدىمكى مەسچىتنى رېمونت قىلغان.  بۇ مەسچىتنىڭ  گۈمبەز ۋە ھىلال ئاي بەلگىسى بۇ يىل 4-ئايدا  ئاتالمىش يەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن  چېقىپ تاشلىنىپ خىتايچە ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىلگەن.

يەنلىڭ ناھىيەسىدىكى بەيگۇەن مەسچىتى ۋە شەھەردىكى چاڭجې شەھىرى (ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەر) دىكى ئىككى مەسچىتىنىمۇ چېقىپ خىتايچە ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ، خىتاي ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە مەسچىتلەرنى چىقىپ ئۆزگەرتىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا،  ھەر خىل تەھدىتلەر بىلەن مەسچىت چېقىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشقا تىرىشقان.   

بۇ خەۋەر 875 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2020 12:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق