خىتايدا يېڭى ۋابا بايقالدى

خىتايدا يېڭى ۋابا بايقالدى

ئامېرىكا خەۋەر تورىنىڭ  6-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سەھىيە ئەمەلدارلىرى ئىچكى موڭغۇلىيەدە[ Bubonic ] دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى ۋابا بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي سەھىيە ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ بايانناۋېر شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتى يەكشەنبە كۈنى بىر چارۋىچىنىڭ ۋابا بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدە دىياگنوز قويۇلۇپ، دوختۇرخانىدا داۋالانغان.  مەزكۇر كومىتېت يەنە ئۈچىنچى  دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىپ، (بۇ تۆت دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئىككىنچى تۆۋەن دەرىجىسى) ، كىشىلەرنى يۇقۇملانغان ھايۋانلارنى توۋلىماسلىق ، كېسەل ياكى ئۆلۈك چاشقانلارنى بايقىغان ھامان  يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشنى تەكىتلىگەن.

سەھىيە ئەمەلدارى يەنە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغانلىقىنى ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

بۇ كېسەللىك ئوتتۇرا ئەسىردە يېرسىنيا زىيانداش ھاشارات كەلتۈرۈپ چىقارغان ، بۈركۈت تەرىپىدىن تارقىلىپ ، چاشقانلار ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ خەتەرلىك ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا ، بېيجىڭ ئەمەلدارلىرى ئىچكى موڭغۇلىيەدىن بېيجىڭغا كەلگەن ئىككى كىشىدە ئۆپكە ياللۇغىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. بۇ ئوخشاش تۈردىكى باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر خىل ۋابا ، ئۇ يەنە نەپەس يولى ئارقىلىق ئادەمدىن باشقىلارغا تارقىلىدىغان بىردىنبىر كېسەللىك ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، [ Bubonic ] دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى ۋابا ئەجەللىك بولۇپ،  داۋالىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى % 30 تىن% 60 گىچە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.  ئەگەر ئانتىبىيوتىك داۋالاش بالدۇر ئېلىپ بىرىلسا ، كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولىدىكەن.  

بۇ خەۋەر 654 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2020 12:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق