خىتاينىڭ گۇيجۇدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ گۇيجۇدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

جۇڭشىن تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسى بۇ يىل ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىگە ئۇچرىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل  6-ئايدىن بۇيان ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆپ بولغان. تۇڭرېن شەھىرىنىڭ گۇاكۇ كەنتىدە لاتقا-شېغىللار بىلەن نۇرغۇن ئۆيلەر بۇزۇلغان ھەمدە ۋەيران بولغان.  

خىتاي سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، ئاپەتنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى سەۋەبلىك جىددىي ئەھۋالنىڭ دەرىجىسىنى 1- دەرىجىگە ئۆرلەتكەن. گۇيجۇ دائىرىلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۆل-يېغىن مىقدارى 676 مىللىمېتىرغا يەتكەن. ئالدىنقى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 2.6 ھەسسە ئاشقان.

يېقىندا گۇيجۇ ئۆلكىسى ۋە جەنۇبتىكى بىر قىسىم رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغقان. دائىرىلەر  ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈن، ھۆلچىلىك گېئولوگىيەلىك ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە جىددىي خەتەردىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ بىراق ئاپەت ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان.

ئاپەتتە، ۋەيران بولغان نۇرغۇن ئۆي، زور كۆلەمدىكى زىرائەتلەر بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ بىراق خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.  

 

بۇ خەۋەر 4113 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2020 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق