خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 271 ئادەم ئۆلگەن

خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 271 ئادەم ئۆلگەن

خىتاي شىنلىياڭ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى كەلكۈندە 33 مىليون 850 مىڭ ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ 271 ئادەم ئۆلگەن.

خىتاي جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا ، كەلكۈن ئوخشاش ۋاقىتتا جېجياڭ ، ئەنخۇي ، جياڭشى ، خۇبېي ، خۇنەن، سىچۈەن قاتارلىق  27 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دە يۈز بەرگەن.  33 مىليون 850 مىڭ ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.  بۇنىڭ ئىچىدە 141 ئادەم ئۆلگەن، 1 مىليون 956 مىڭ ئادەم جىددىي قۇتقۇزۇلغان ھەمدە كۆچۈرۈلگەن ، 815 مىڭ ئادەم جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن.  23 مىڭ ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 269 مىڭ ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان. 2983 مىڭ گېكتارغا زىرائەت ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.  بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 69 مىليارد 590 مىليون يۈەنگە يەتكەن.  

بۈگۈن يەنە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، خىتاينىڭ 27 ئۆلكىسىدە ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاستىدە 271 ئادەم ئۆلگەن. سىنلاردىكى كۆرۈنۈش ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، ئېگىز بىنالارمۇ سۇغا چۆكۈم  كەتكەن ھەمدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.  

بۇ خەۋەر 8698 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2020 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق