شى جىنپىڭ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

شى جىنپىڭ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ، كىشىلەرنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ  ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

9-ئىيۇلغىچە ،خىتاينىڭ 27 ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە  30 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ ، 60 مىلياردتىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ كەلكۈن ئاپىتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان ، 1954-ۋە 1998-يىلدىن كېيىنكى ئۈچىنچى چوڭ كەلكۈن ئاپىتى ئىكەن.

بۇ يىل خىتايدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى 15 كۈنگە يېقىن داۋاملاشقان. نەچچە ئون مىليون ئادەم تەسىرگە ئۇچرىغان. نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەرنى سۇ باسقان ، ماشىنىلار كوچىدىكى سۇدا قەغەزدەك  لەيلەپ قالغان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىلقى كەلكۈندە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.  

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 12-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇش ھەققىدە توختىلىپ، يېقىن كەلگۈسىدە چاڭجياڭ دەرياسى ، خۇەيخې دەرياسى ۋە باشقا دەريا ۋادىلىرى ، دوڭتىڭ كۆلى ، پوياڭ كۆلى ، تەيخۇ كۆلى ۋە باشقا كۆللەرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەسىدە ئىكەنلىكىنى، جياڭشى ، ئەنخۇي ، خۇبېي ، خۇنەن ، جياڭسۇ ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردا كەلكۈن ئاپىتى ۋە سۇ ئاپەتلىرى تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى،  كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىقنىڭ تېخىمۇ ئەۋىج ئېلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

 بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە ،  شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىنىڭ باشقا مەنىلىرى بار بولۇپ،  2020-يىلى خىتاي بېكىتكەن « ئومۇميۈزلۈك باياشات جەمئىيەت قۇرۇش» پىلاننىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىنى ،  شۇ سەۋەبلىك شى جىنپىڭ « ئومۇميۈزلۈك باياشات جەمئىيەت قۇرۇش» شوئارىنىڭ ئورنىغا «ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىقنىڭ يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى تەكىتلىگەن. 

بۇ خەۋەر 8688 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2020 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق