چېكەتكە قوشۇنى خىتايغا بېسىپ كىردى

چېكەتكە قوشۇنى خىتايغا بېسىپ كىردى

فىرانسىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سېرىق رەڭلىك بامبۇك چېكەتكۈسى لائوستىن خىتاينىڭ يۈننەنگە كىرىشكە باشلىغان.

يۈننەننىڭ پۇئېر شەھەر دائىرلىرى  9-ئىيۇل چىكەتكە خىتاي ۋە لائوس چېگراسىغا يېقىن جياڭچېڭ ناھىيەسىگە تەۋە  110 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق دېھقانچىلىق زىرائىتىگە تەسىر كۆرسېتىپ ، ئەتراپتىكى رايونلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغانلىقىنى،  چېكەتكۈلەرنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانمۇ قوغلاپ يوقۇتالمىغانلىقىىنى ئېلان قىلغان.  

شىنخۇا تورىدىن نەقىل قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە،  يۈننەننىڭ جوڭلياۋ چېگراسىدا چېكەتكە ۋابا يۈز بەرگەن بولۇپ ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئاپەتتىكى ھاشاراتنى سېرىق بامبۇك چېكەتكۈسى دەپ ئاتىغان.  

خىتاي «خەلق تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە ، 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ، جياڭچېڭ ناھىيەسى بىلەن لائوسنىڭ چېگراسىنى بويلاپ سېرىق تاغ تىزمىسى بامبۇك چېكەتكىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. چېكەتكە ھۇجۇم قىلغان ئورۇن پۇئېر ناھىيەسى ، موجياڭ ناھىيەسى ۋە شىشۇاڭبەننا مېڭلا ناھىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە كەڭ كۆلەمدە چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدە خەۋەر قىلغان.  

باشقا مەنبەلىرىگە قارىغاندا ، سېرىق رەڭلىك بامبۇك چېكەتكۈسى خەتەرلىك ئاپەت بولۇپ، بامبۇك يوپۇرمىقىنى يېيەلەيدىكەن.  بامبۇك ئورمىننى ئوتتا كۆيگەندەك قۇرۇتىۋىتىدىكەن.

پۇئېر ئورمانچىلىق ئىدارىسى ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەۋەتىپ ، ھاۋادىن خىمىيەلىك ماددىلارنى پۈركۈپ بىيوگېئولوگىيەلىك كونترول قىلىش ۋە يەر يۈزىگە دورا پۈركۈش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالغان.  ئۇلار يەنە تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ ، ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. شۇنداق كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ بىراق ئۈنۈمى بولمىغان.   8- ئىيۇل پۇئېر شەھىرىگە تەۋە  سېرىق تاغ تىزمىسىدىكى بامبۇك چېكەتكە توپى يامرىغان رايون 98887.23 گېكتارغا كېڭەيگەن. كونترول رايونى 34 مىڭ 416 گېكتارغا يەتكەن. رايونغا يوقۇتۇش تەبىرلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن جەمئىي 502 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەۋەتىلگەن.

بۇ خەۋەر 9175 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2020 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق