بېيجىڭدا »كىرىش ھەققى 30 سوم «نامايىشى يۈز بەردى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 14- ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭدىكى ۋىرۇس يۇقۇمى ئىجتىمائىي زىددىيەتنى كۈچەيتىپ، ساقچىلار بىلەن پۇقرالار توقۇنۇشقان.
بېيجىڭنىڭ داشىڭ شىخوڭمېن بازىرى يۇقىرى خەتەرلىك رايوندىن ئوتتۇرا خەتەرلىك رايونغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ، خىتاي دائىرىلىرى ئاھالىلەرنىڭ كىرىش- چىقىش كارتىسىنى ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلغان. بىر كارتىنىڭ باھاسى 30 يۈەن بولۇپ ، ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
شىخوڭمېن بازىرىدىكى تورداشلار يوللىغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا ، خەتەرلىك رايوندىن ئوتتۇرا خەتەرلىك رايونغا قىسقارغانلىقتىن ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئاھالىلەردىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە كىرىش كارتىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەر بىر ئادەم چوقۇم 30 يۈەن تۆلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر كارتا پۈتۈپ كەتسە ، ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن 100 يۈەن ئېلىنىدىغانلىقى، گۇۋاھنامىسى يوق ئاھالىلەر ئۆيگە قايتالمايدىغانلىقىنى ياكى سىرتقا چىقالايدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
بۇ تەدبىر يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كوچىلارغا چىقىپ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولغان. ئۇلار كىرىش-چىقىش كارتا ھەققى دائىرىلەرنىڭ پۇقرالارنى قاقتى -سوقتى قىلىش ئۇسۇل دەپ قارىغان. نەتىجىدە ، نۇرغۇن كىشىلەر تەكشۈرۈش پونكىتى قاراۋۇلخانىغا توپلىشىپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.
7-ئاينىڭ 13-كۈنى تارقىتىلغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە ، زور تۈركۈمدىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق نامايىشچىلار شىخوڭمېن بازىرىدىكى بىر كوچىدا تەكشۈرۈش پونكىتىدىن بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولغان خەلق توختىماي: «كىرىش ھەققى 30 يۈەن ، كىرىش ھەققى 30 يۈەن»دەپ ۋاقىرغان .
يەنە بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە ، ساقچىلار بىلەن ئامما توقۇنۇشقان. بەزى نامايىشچىلار «ساقچىلار ئادەم ئۇردى» دەپ توۋلىغان. ئارىدا بىر ساقچى يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن، بىر ئادەمنى بىر نەچچە ساقچى يەرگە باسقان.