خىتاي جىددىي ئەھۋالنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىكى بىرىنچى دەرىجىلىك كەلكۈن ئاپىتىدىن ئاگاھلاندۇردى

خىتاي جىددىي ئەھۋالنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىكى بىرىنچى دەرىجىلىك كەلكۈن ئاپىتىدىن ئاگاھلاندۇردى

خىتاينىڭ بەيدۇ خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، 

خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا  1- دەرىجىلىك كەلكۈن ئاپىتى بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى.  

قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئۈستۈنكى ئېقىندىكى ئاساسلىق ئېقىن ۋە سەنشيا توسمىدىكى كەلكۈن سۈيى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. سەنشيا سۇ ئامبىرىنىڭ ئېقىمى تېز ئۆرلەپ 157.11 مېتىرغا غا يەتكەن، سەنشىيا سۇ ئامبىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ئېقىش سۈرئىتى 17-ئىيۇل  سائەت 20 دە سېكۇنتىغا 55 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەن.

مۆلچەرلىنىشىچە ، 17-ئىيۇلدىن  20- ئىيۇلغىچە ، چاڭجياڭ دەرياسى ئويمانلىقىدا يەنىلا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ، قاتتىق يامغۇر رايونى ئاستا-ئاستا شەرققە ۋە جەنۇبقا يۆتكىلىدىكەن. 23-ئىيۇل يامغۇر بەلبېغى شىمالدىن جيالىڭ دەرياسى سۇ سىستېمىسى ۋە خەن دەرياسىنىڭ ئۈستۈنكى ئېقىنىغا كۆتۈرۈلۈپ ، ئوتتۇرھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئۈستۈنكى ئېقىندىكى ئاساسلىق ئېقىن ۋە سەنشيا توسمىسى رايونىدىكى كەلكۈن سۈيى يېقىندا كۆرۈنەرلىك ئاشقان ، سەنشيا سۇ ئامبىرىنىڭ ئېقىمى تېز ئاشقان. 17-چېسلا سائەت 10:00 دا سەنشيا توسمىدىكى سۇنىڭ ئېقىش مىقدارى 16-ئيۇل سائەت 14:00 دە سېكۇنتىغا  42 مىڭ كۇب مېتىردىن ئۆرلەپ سېكۇنتىغا  50 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەن.  

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شاشى ، لوشەن ۋە خەنكوۋ پونكىتلىرىنىڭ سۇ ئورنى يەنە ئۆرلەشكە باشلىغان.  بۇنىڭ ئىچىدە ، خەنكوۋ پونكىتىنىڭ سۇ ئورنى 16-ئىيۇل سائەت  14دىكى28.26 مېتىردىن 17-ئىيۇل سائەت  10دا  28.34 مېتىرغا ئۆرلىگەن. تەيخۇ كۆلى ئويمانلىقىدا كەلكۈن ئاپىتى بولغان. خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ تەيخۇ ئويمانلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 17-ئىيۇل سائەت 8: 00 دە بىرىنچى دەرىجىلىك كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جىددىي تەدبىرلىرىنى باشلىغان.

خىتاي جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى خىتايدىكى 20 مىليون 272 مىڭ ئادەمگە تەسىر قىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئاساسلىق ئېقىننىڭ بىر قىسىم بۆلەكلىرىدە  سۇنىڭ مىقدارى يەنە ئۆرلەيدىكەن. بۇ تارماقنىڭ كۆرسىتىشىچە ، 7-ئايدىن باشلاپ ، كەلكۈن ئاپىتى جياڭشى ، ئەنخۇي ، خۇبېي ، خۇنەن ، چۇڭچىڭ ۋە گۈيجۇ قاتارلىق 24 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دە 20 مىليون 272 مىڭ ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.  23 ئادەم قازا قىلغان ۋە ئۆلگەن، ، 1 مىليون 764 مىڭ ئادەم جىددىي كۆچۈرۈلگەن. 12 مىڭ ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 89 مىڭ ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان ؛ بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 49 مىليارد 180 مىليون يۈەنگە يەتكەن.  بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ، ئاپەت سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى% 53.1 ، ئۆرلەپ،  ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ سانى% 55.6 ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان% 11.2 ئاشقان. سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ تۆت مۇئاۋىن مىنىستىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا چاڭجياڭ دەرياسى ، تەيخۇ كۆلى ۋە خۇەيخې دەرياسىنىڭ ئالدىنقى لىنىيەسىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى جىددىي نازارەت قىلماقتا ۋە تەكشۈرمەكتە ئىكەن 

بۇ خەۋەر 8779 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2020 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق