خىتاي دائىرىلىرى قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتتى

خىتاي دائىرىلىرى قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتتى

بېيجىڭ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 20 ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى كەلكۇن ئاپىتى ھەققىدە قىزىل رەڭلىك جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

7-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە ، خۇەيخې دەرياسى سۇ ئىشلىرى كومىتېتى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنى يەنە ئۆستۈرۈپ ، قىزىل رەڭلىك كەلكۈن ئاپىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خۇەيخې دەرياسىنىڭ كەلكۈن ۋەزىيىتى تۇيۇقسىز جىددىيلەشكەن. ئەنخۇيدىكى ۋاڭجيا توسمىسىنىڭ سۇ ئورنى 29.75 مېتىرغا يېتىپ ، بىخەتەرلىك سۇ ئورنىدىن ئېشىپ كەتكەن. بىر كېچىدىلا 2000 دىن ئارتۇق ئادەم باشقا ئورۇنغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.

خۇەيخې دەرياسىنىڭ ئاساسىي ئېقىنغا جايلاشقان ۋاڭجيا سۇ كونترول تۈرى ئاساسلىقى ۋاڭجيا توسمىسى ۋە مېڭۋا كەلكۈن ساقلاش رايونىدىن تەركىب تاپقان. خۇەيخې دەرياسىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىكى ۋاڭجيا ئېقىنى كەلكۈن سۈيى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېچىلغاندىن كېيىن ، خۇەيخې دەرياسى مېڭۋا كەلكۈن ساقلاش رايونىغا ئېقىپ كىرگەن.

7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە ، خۇەيخې دەرياسىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىكى ۋاڭجيا توسمىسى كەلكۈن سۈيىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېچىلغان. شۇنىڭ بىلەن خۇەيخې دەرياسىدىن ئاققان سۇ مېڭۋا كەلكۈن ساقلاش رايونىغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان.

مېڭۋا كەلكۈن رايونىدا تەخمىنەن 200،000 ئادەم بار بولۇپ،  شۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر جۇاڭتەي ياكى باۋجۇاڭشۇدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ،  كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن  ئەمما 4 يېزا-بازاردىكى 2048 ئاھالە يەنىلا خەتەر ئىچىدە قالغان.

ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە ، 6-ئىيۇل باشلانغان كەلكۈن ئاپىتى 19-ئىيۇل سائەت 16:00 گىچە جياڭشىدا 699،000 كىشى كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ جىددىي كۆچۈرۈلگەن. 288،000 ئادەم جىددىي تۇرمۇش ياردىمىگە موھتاج ئىكەن. بۇزۇلغان زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمى 659 مىليون 700 مىڭ گېكتار، 937 ئائىلە ھەمدە 1847 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 20 مىليارد 220 مىليون يۈەن بولغان.

بۇ خەۋەر 8926 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2020 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق