دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ھېچقانداق نەرسە بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ھېچقانداق نەرسە بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ

28- ئىيۇل ئا خەۋەر تورى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس ئادھانوم: «بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ھېچقانداق نەرسە بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ» دېگەن.

 تېدروس شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان. ئۇ بۇ يىغىندا خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە  توختىلىپ: «مەن سىلەرگە سەمىمىيىتىم بىلەن سۆزلەيمەن، بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ھەرگىز بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن.

خىتاي ۋىرۇسى دەسلەپتە 2019-يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پەيدا بولغان. بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىك بايقىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەن. بۇ كېسەل تارقىلىپ ھازىرغىچە بولغان يەتتە ئاي ئىچىدىلا دۇنيادا 650 مىڭدىن كۆپ كىشى بۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، 16 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇقۇملانغان.
بۇ كېسەللىك خەلقئارادا «يۇقۇملۇق كېسەل» دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇ ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ۋە دورا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ باياناتى بۇ ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ۋە دورا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۈمىدىگە سوغۇق سۇ سېپىدىغان ۋەھىمىلىك بىر بايانات بولغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ۋىرۇسنى يېڭىپ ساقايغان كېسەللەرگە ۋىرۇسنىڭ قايتا يۇقۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بار-يوقلۇقىغا تولۇق جاۋاب يوق بولۇپ، بۇ تېما ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار ئاكتىپ ھالدا داۋاملاشماقتىكەن.

بۇ خەۋەر 1669 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2020 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق