خىتاينىڭ جېجىياڭغا تەيفىڭ بورىنى ھۇجۇم قىلدى
خىتاي مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە ، خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى تەيفىڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە قىسمەن شەھەرنى سۇ باسقان.
جېجياڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا 3-كۈندىن بىرى قاتتىق يامغۇر ياغقان بولۇپ، سائەتلىك يامغۇر مىقدارى 50-98 مىللىمېتىرغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، جېجياڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدا 10 ~ 13 بال بوران ، باشقا ئارالدا چىققان بوران 15 ~ 17 بالغا يېتىپ، بىر قىسىم شەھەرنى سۇ بېسىپ مۆلچەرلىگۈسىز زىيان بولغان.
مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى 4 كۈندىن 6 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي خىتاي دېڭىزى ، جېجياڭ دېڭىز قىرغىقى ، خاڭجۇ قولتۇقى ، چاڭجياڭ دەريا ئېغىزى ، شاڭخەي دېڭىز قىرغىقى ۋە جياڭسۇنىڭ جەنۇبى قاتارلىق رايونلاردىكى شامال كۈچى 9-10بال ، بىر قىسىم دېڭىز رايونلىرى بالغا يېتىدىكەن. بۇران 4-كۈنى جياڭياڭ ئوتتۇرا شەرقىي بۆلىكى ، جياڭسۇنىڭ شەرقىي جەنۇبى ، شاڭخەي ۋە باشقا جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.
5- ئاۋغۇستتىن 7- ئاۋغۇستقىچە ، خىتاينىڭ غەربىي شىمالى ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى شىمالىي ، خۇاڭخۇەي ۋە سىچۈەن ئويمانلىقىدا ئوتتۇرھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقى، بەزى رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا يەنە، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك ھاۋارايى كۆرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بېرىلگەن.
ھاۋا رايىدىن ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا يەنە، 8 -ئاۋغۇستتىن 10-ئاۋغۇستقىچە ، سىچۈەن ئويمانلىقى ، خۇاڭخەينىڭ جەنۇبى ، جياڭخەن ، جياڭخۇي قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياتىدىغانلىقى ، خىتاينىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي شىمالى رايونىدا يامغۇر ياكى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغىدىغانلىقى، 11 كۈندىن كېيىن ، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىي ۋە شەرقىي رايونى ھەمدە شەرقىي شىمالىدا قاتتىق ھۆل-يېغىن بولىدىكەن.