خىتاي ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىنى كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا

خىتاي ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىنى كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا

زىمىستان تورىنىڭ  6- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاى « بەش يىل ئىچىدە ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش » رەزىل پىلانغا يېتىش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەسچىتلەرنىڭ ھىلال ئاي، گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىنى چېقىشنى داۋاملاشتۇرغان.  

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئىسلام  ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەت يۈرگۈزۈپ ، نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەرنى چاققان. چېقىلماي قالغان مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇشنى چەكلەپ، مەسچىتلەرنى كارخانا ، مەيخانىلارغا ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن. قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن ئىدى. بۇ قېتىم خىتاي گەنسۇ ئۆلكىسىدە نۇرغۇن مەسچىت گۈمبەزلىرى ، ھىلال ئاي بەلگىسىنى چېقىۋەتكەن. پىڭلياڭ شەھىرىنىڭ كوڭتوڭ رايونى ئىسلام مەدەنىيىتى  ئېغىر بۇزۇلغان رايونلارنىڭ بىرى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ، كوڭتوڭ رايونىدىكى 17 مەسچىتتىكى ئىسلام مەدەنىيەت سىمۋوللىرىنىڭ ھەممىنى چېقىۋەتكەن.

بۇ يىل 5- ئايدا كوڭتوڭ رايونىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى چوڭ مەسچىتنىڭ گۈمبىزى چېقىۋەتكەن. 80 ياشلىق تۇڭگان بوۋاي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي دائىرىلىرى مەسچىت گۈمبىزىنىڭ چەتئەل ئۇسلۇبىدا ياسالغانلىقى باھانىسى بىلەن چوقۇم چېقىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى،  بۇ يىل 5- ئايدا كوڭتوڭ رايونىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى مەسچىتنىڭ ئاساسلىق زالى مەجبۇرى چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، داجاي بازىرى ۋە كوڭتوڭ رايونىنىڭ گاۋيۈەن يېزىسىدا كەم دېگەندە سەككىز مەسچىتنىڭ گۈمبىزىمۇ يۇقۇم مەزگىلىدە چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ دىنغا قارشى سىياسىتىگە قارشى پەقەت قەلبىدە  ياش تۆكۈشتىن باشقا ئامالىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كوڭتوڭ رايونى تاڭجياۋان يېزىسىدىكى ۋېيشيەن مەسچىتىنىڭ گۈمبىزى،

تاڭجياۋان يېزىسىدىكى خەنجياۋا مەسچىتىنىڭ گۈمبىزى ۋە مۇنارى چېقىۋىتىلگەن.

كوڭتوڭ رايونىدىكى نۇرغۇن مەسچىتلەرنىڭ گۈمبەزلىرى چېقىپ ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە، تۇڭگان مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرىدىكى «ھالال» بەلگىلىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن . چىڭخەي ئۆلكىسى خۇاڭجوڭ ناھىيەسىدىكى مەلۇم ئاشخانىنىڭ خوجايىنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بارلىق ئاشخانىلارنىڭ كىنىشكىسى ھەمدە پىلاكاتلىرىدىكى « ھالال » دېگەن يېزىقنى مەجبۇرى ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى،  خىتاي مەركىزىدىن بۇيرۇق چىقىرىپ ھالال بەلگىلىرىنى  يوقىتىشقا  بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى، خىتاي خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى دۇكان تاختىسىدا« ھالال »بەلگىسىنىڭ بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ، كومپارتىيەنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلمىغانلارنىڭ دۇكىنىنى تاقايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى، ھەتتا ئەرەب يېزىقى بار دۇكان تاختىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان . 

مەلۇم قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەيدىغان نىڭشيالىق تۇڭگان مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،  قىش كۈنلىرى ئۆزىنىڭ «ھالال » بەلگىسى بار ئاشخانا تاپالمىغانلىقىنى، ئۇ ھەر كۈنى ئۈچ ۋاقىتلىق تامىقىغا ھور نان يېگەنلىكىنى ، ئاخىرىدا ئۇرۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىش توختىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 9047 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2020 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق