خىتاي بۇيىل ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى

خىتاي بۇيىل ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى

    (NTV) نىڭ 13- ئاۋغۇست بەرگە خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي بۇ يىل ئېغىر دەرىجىدە سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىغان.

    خىتاي بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ۋىرۇس ۋاباسى سەۋەبىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئىقتىسادى كىرىزىسقا ئۇچرىغان بولسا، ياز ئايلىرى باشلانغاندىن باشلاپ ئېغىر دەرىجىدە سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىغان. سۇ ئاپىتى خىتاينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يۈزبەرگەن ۋە بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان. بۇ سۇ ئاپىتىدە خىتاي ئەڭ ئاز دېگەندە 25 مىليارد دوللاردىن كۆپ زىيانغا ئۇچرىغان. ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 200 دىن ئارتۇق خىتاي ئۆلگەن. يۈز مىڭلارچە خىتاي پۇقرالىرى ئۆيسىز قالغان ۋە باشقا جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. كۆپلىگەن شەھەر قۇرۇلۇشلىرى، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، باغ، تېرىلغۇ يەرلەر، تاش يول، كۆۋرۈك قاتارلىق ئورۇنلار ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل خىتايدا يۈز بەرگەن بۇ سۇ ئاپىتى كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16% ئېغىر ئىكەن.

بۈگۈنكى خىتاي خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى چىڭدۇ شەھىرىدە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئاپەتتە شەھەر كوچىلىرىدا سۇلار دەريادەك ئاققان. بىر قىسىم رايوندا ئاپەت سەۋەبىدىن ئاممىۋىي  قاتناش توختىغان.

بۇ خەۋەر 8876 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2020 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق