خىتايدىكى ئاپەتتە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 178 مىليارد 960 مىليون يۈەن بولغان

خىتايدىكى ئاپەتتە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 178 مىليارد 960 مىليون يۈەن بولغان

خىتاينىڭ جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمى ئورگان تورىنىڭ  13- ئاۋغۇست ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە   63 مىليون 460 مىڭ ئادەم كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 178 مىليارد 960 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

خىتاي كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش ئىشتابى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جوۋ شۆۋېن يېقىنقى ئەپەت ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، 63 مىليون 460 مىڭ كىشىنىڭ كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننىڭ 178 مىليارد 960 مىليون يۈەن ئىكەنلىكىنى ، بۇ ئالدىنقى بەش يىلدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن% 12.7 يۇقىرى بولغانلىقىنى،  ئاپەتتە، 219 ئادەم قازا قىلىپ غايىب بولغانلىقىنى ، 54 مىڭ ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان خىتاينىڭ بېيجىڭدا چېكىلگەن سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 12- ۋە 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدا چاقماق چېقىپ قاتتىق يامغۇر يىغىش سەۋەبلىك يامغۇر  سۈيى بېيجىڭ كوچىلىرىدىكى ئاممىۋىي قاتناشقا  تەسىر كۆرسەتكەن ، ھەتتە بىر قىسىم رايونلاردا قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان.

بۇ خەۋەر 8708 قېتىم كۆرۈلدى
15/08/2020 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق