ئەڭ يېڭى دوكلات: كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە خىتايدا ئاشلىق قىسلىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن

 خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 17-ئاۋغۇست خىتاينىڭ يېزا تەرەققىياتى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىنىڭ (2025-2021) ئاخىرقى مەزگىلىدە زور مىقداردا ئاشلىق قىسلىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنگەن.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە خىتايدا ئاشلىق قىسلىقى 130 مىليون توننىغا يېتىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دانلىق زىرائەت (بۇغداي، گۈرۈچ، قوناق) 25 مىليون توننىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

 مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ يېزا تەرەققىياتىدا دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى، يۇقىرى كىرىمنى ساقلاشنىڭ قىيىن بولۇشى، يېزا نوپۇسىدا قېرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. دوكلاتتا يەنە 2025-يىلىغا بارغاندا خىتايدىكى شەھەرلىشىش نىسبىتىنىڭ 65.5%كە يېتىدىغانلىقى، يېڭىدىن شەھەرگە كۆچىدىغانلارنىڭ 80 مىليونغا يېتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

يۇقىرىقى دوكلاتتىن سىرت، شى جىنپىڭ يېقىندا يەنە قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى تىزگىنلەش ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرگەن. بۇ خىتايدا ئاشلىق قىس بولۇش مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تۈرلۈك پەرەزلەرگە سەۋەب بولغان.

بۇ خەۋەر 8763 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2020 13:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق