مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ سەنشيا توسمىسى بۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە توسما قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق كەلكۈنگە دۇچ كەلگەن. ئامبارغا كىرگەن سېكۇنتلۇق ئېقىم مىقدارى 75 مىڭ كۇپ مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، خىتاي كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن 11 توسما ئېغىزىنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك يېقىنقى مەزگىلدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئۈستۈنكى ئېقىمىدا 5-نومۇرلۇق كەلكۈن ئاپىتى كۆرۈلگەن. نۆۋەتتە يەرلىك دائىرىلەر خەتەردە قالغان 250 مىڭ كىشىنى تارقاقلاشتۇرغان، 130 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، چاڭجياڭ ۋە خۇاڭخې ۋادىلىرىدىكى سۇ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، خىتاي سۇچىلىق مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش دەرىجىسىنى 3-دەرىجىدىن 2-دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان.