«ئىستىقلال ئاۋازى» ئايلىق ژۇرنىلىمىز پات يېقىندا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى خەۋەر بۆلۈمى)مىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرۈش مەقسىتىدە تەييارلىغان تۆت خىل تىلدىكى «ئىستىقلال ئاۋازى» ئايلىق ژۇرنىلىمىز پات يېقىندا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

خەۋەر بۆلۈمىمىز ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان ئەرەب تىلىدىكى «صوت تركستان» ئايلىق ژۇرنىلىنى ۋە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تۈرك تىلىدىكى «Doğu Türkistan Gerçeği» ئايلىق ژۇرنىلىنى تارقىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەرەب، تۈرك دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە ئەرەبچە ژۇرنىلىمىز 31 سان، تۈركچە ژۇرنىلىمىز بەش سان تارقىتىلدى. بۇ ئايدىن تارتىپ ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرىمۇ قوشۇلىدىغان بولۇپ، تۆت خىل تىلدا تەييارلىنىدۇ.

ژۇرنىلىمىزغا نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ۋە گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچلىك خەۋەرلەر، مۇھىم ماقالىلەر ۋە تەھلىل-ئانالىزلار تاللاپ كىرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇسى.

ژۇرناللارنىڭ تۆت خىل تىلدىكى ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى پات يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھەرقايسى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىكى سەھىپىلىرىمىزگە، قاناللىرىمىزغا ئەگىشىۋېلىشىنى، ھەمبەھرىلەپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

ئىستىقلال خەۋەر بۆلۈمى 

بۇ خەۋەر 9610 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2020 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق