كەلگۈسىمىزنى قوغدايلى!

كەلگۈسىمىزنى قوغدايلى!
بىر مىللەتنىڭ ياشلىرى شۇ مىللەتنىڭ كېلەچىكىدۇر، ئۇ مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى ياراتقۇچىلاردۇر. مىللەتنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقى،كېلەچىكىنىڭ پارلاق ياكى يوقىلىشقا مەھكۇملۇقى شۇ مىللەتنىڭ ياشلىرىنىڭ خاراكتېرىنىڭ ساغلاملىقىغا، ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. مىللەتنىڭ 20 يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولغان كىشى شۇ مىللەتنىڭ بۈگۈنكى پەرزەنتلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا، قانداق تەربىيە بېرىۋاتقانلىقىغا، ئۇلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە قاراپ ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى بالىلار ۋە ياشلار 10-15 يىلدىن كېيىن مىللەتنىڭ دەل ئۆزى بولىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى 100 يىلدىن بېرى ۋەھشىي، ھىيلىگەر، رەھىمسىز بىر دۈشمەن بىلەن تۈرلۈك مەيدانلاردا كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە ۋە قىلىۋاتىدۇ . بۇ مەيدانلارنىڭ بىرى دەل ئەۋلاد تەربىيەسى ۋە ياراملىق ياشلارنى يېتىشتۈرۈش مەيدانىدۇر. دۈشمەنلەر ۋەتەننىڭ ئىچىدىكى مەيداندا مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپلا قالماستىن، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلارنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ كۆز تىكمەكتە. بۇنى مىللىتىنى ئەرزىمەس دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ساتىدىغان، تەبىئىتى بۇزۇق سېتىلما خائىنلار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارماقتا.
يېقىندىن بېرى ئاز بىر تۈركۈم ياشلىرىمىزنىڭ خاتا يوللارغا كىرىپ قالغانلىقى ۋە بىر قىسىم يامان ئىشلار بىلەن ئۆزىنى نابۇت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا. يېشىنىڭ كىچىكلىكى، دۈشمەن قوللىرىنىڭ رەھىمسىزلىكىگە، مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ياشايدىغان ھايۋان سۈپەتلەرنىڭ ئالدىشى نەتىجىسىدە جىنايەت پاتقىقىغا پېتىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. بۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇ ياشلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر ساھە كىشىلىرى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولسىمۇ، مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئاسان بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئىستىسناسىز، تەخىرسىز ھالدا پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۈستىگە چۈشمەكتە. چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئامانىتى. ئۇلارنىڭ كىملىكىنى، قايسى يۇرتتىن ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەسلىكىمىز ئاللاھ ئالدىدا، كېيىن مىللەت ئالدىدا مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ يوقلۇقىغا دالالەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلىقىنى، مۇسۇلماننىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى، يۇرتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمىز.
ئۇلارنى قانداق قۇتۇلدۇرىمىز؟
ئەنەس ئىبنى مالىك (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى سەھرالىق بىر كىشى كېلىپ مەسچىتكە كىردى ۋە مەسچىتنىڭ بىر تەرىپىگە بېرىپ كىچىك تاھارەت قىلىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن ساھابىلەر ئۇ كىشىنى قاتتىق سۆز،قوپال مۇئامىلە، ئېغىر گەپلەر بىلەن توسماقچى بولۇشتى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام توسماقچى بولغان كىشىلەرگە: «گەپ قىلماڭلار، ئارىلاشماڭلار، ھاجىتىنى تۇلۇق ئادا قىلىۋالسۇن» دېدى، ئۇ كىشى ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولۇۋېدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭ ھاجەت قىلىپ قويغان يېرىگە بىر چېلەك سۇ تۆكۈۋېتىڭلار» دېدى، ساھابىلەر سۇ ئەكېلىپ، ھاجەت قىلغان يەرگە تۆكۈۋەتتى. (بۇخارىي، مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)
يەنە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭغا (يەنى ئەشەددىي زالىم پىرئەۋنگە ) يۇمشاق سۆز قىلىڭلار. ئۇ ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى، ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن» (تاھا سۈرىسى، 44-ئايەت).
يۇقىرىدىكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتى ئازغان، توغرا يولدىن چىققان، خاتا ئىشلارنى قىلغان، يامان يولغا كىرىپ كەتكەن كىشىلەرنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ يولى، ئۇسۇلى ۋە چارىسىنى تۇلۇق كۆرسىتىپ بىرىدۇ. شۇنداقلا يۇقىرىقى ھەدىس ئىسلاھات يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئايەتنىڭ روھى، ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئازغانلارنى ئىسلاھ قىلايلى، خاتا يولغا مېڭىپ قالغان ياشلارنى قۇتۇلدۇرۇۋالايلى، دېسەك تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك.
1. ئۇلارغا قۇچاق ئېچىپ، مېھىر-مۇھەببەت بېرەيلى، ئارىمىزغا ئالايلى، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان يېتىملىكىنى، يالغۇز غېرىبلىقىنى ھېس قىلدۇرمايلى.
2. سەن ئۇنداقچى، ياكى مۇنداقچى، دەپ تىللاپ ھاقارەت قىلىدىغان، ئۆيدىن، سورۇنىمىزدىن، ئارىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان ئىشلارنى قىلماستىن، گەپ-سۆزدە چىرايلىق، مۇئامىلىدە ياخشى، نەسىھەتتە سىلىق-سىپايە، مېھرىبان بولايلى! چۈنكى ئارىمىزدىن، ئۆيىمىزدىن قوغلىغانلىق ئۇلارنى ھالاكەتكە،گۇمراھلىققا ئىتتىرگەنلىكتۇر، دۈشمەننىڭ رەزىل سۇيىقەستلىرى ئالدىدا مەغلۇپ بولغانلىقتۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى جامائەتتىن، توپتىن ئايرىلسا جەھەننەمگە ئايرىلىدۇ» (تىرمىزى رىۋايىتى). بىزدە يەنە مۇشۇ ھەدىسكە مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشايدىغان بىر ماقال-تەمسىل بار (توپتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەيدۇ). شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىمىزنى يات قوللارغا تاشلاپ بەرمەيلى!
3. ئۇلارنىڭ يېشىغا، قىزىقىشىغا، ھەۋىسىگە لايىق يوسۇندا تەربىيە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنايلى، ئۇلار ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتايلى، يېقىنىغا، دوستىغا ئايلىنايلى.
4. تەربىيە ئۇسۇلىدا تەدرىجىي ئۆزگەرتىش، جەلپ قىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتىش، قەلبىنى مايىل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش يولى بىلەن قېشىمغا، سېپىمىزگە قېتىش. چۈنكى بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبىرىمىز قوللانغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللاردۇر.
5. گەپ ئاڭلىمايدۇ، نەسىھەت قوبۇل قىلمايدۇ، دېگەننى باھانە قىلىپ تاشلىۋېتىش، ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىش، كارى بولماسلىق ئوڭشاشنىڭ ئۇسۇلى ئەمەس. چۈنكى «ئۆمەرنىڭ ئېشىكى مۇسۇلمان بولسىمۇ، ئۆزى مۇسۇلمان بولمايدۇ» دەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلىغان پەيغەمبىرىمىز ۋاز كەچمىدى، تاشلىۋەتمىدى.
6. ئوقۇش يېشىدىكى ياشلارنى مەكتەپكە، مەدرىسىگە بېرىش ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇشىغا ياردەم قىلىش، بارلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئۇلارنى ئۇيغۇر بىناسىنىڭ بىر خىشى، ئۈممەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈۋرۈكى، دەپ چۈشىنىش كېرەك.
7. ئەۋلادلار ھەققىدە كۆپ دۇئا قىلىش، ئۇلار ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ياخشىلىق تىلەش. ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى بايان مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن». بۇ ئايەت بىزلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەۋلادلار ھەققىدە دۇئا قىلىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى تەۋپىق، ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.
8. ئەڭ مۇھىمى ئاتا-ئانىلار ئەۋلادلارغا ياخشى ئۈلگە، گۈزەل نەمۇنە بولۇشى كېرەك. چۈنكى بالىلارنىڭ بىرىنچى ئۇستازى ئاتا-ئانىسىدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق بالا ساغلام فىترەت ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ، كېيىن ئاتا-ئانىسى ئۇ بالىنى يەھۇدىي ياكى خىرىستىيان ياكى ئاتەشپەرەس قىلىپ چىقىدۇ. خۇددى چارۋىنىڭ بالىسى تۇغۇلۇشىدا ساق تۇغۇلۇپ، كېيىن ئەيىبلىك قىلىنغىنىغا ئوخشاش» (بۇخارى رىۋايىتى).
دېمەك بالىدىكى ئىش-ھەرىكەت ۋە مەنىۋى ئۆزگىرىشلەرنىڭ باش سەۋەبچىسى ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىنى بۇ ھەدىس بىزگە ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك. ياخشى، ياراملىق ئەۋلاد بولۇشنى بالىلاردىن تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزدە شۇنداق ئۆلچەمنى ئەمەلىيلەشتۈرەيلى، چۈنكى ياشلار دېگەننى ئەمەس، قىلغاننى ئۆرنەك قىلىپ ياشايدۇ.
ئەجىر ئالاي، ساۋابقا ئېرىشەي، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشاي دېسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ!

ئابدۇقەييۇم قۇددۇس
2020‏-يىلى 31‏-ئاۋغۇست، تۈن نىسپى

بۇ خەۋەر 42375 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2020 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق