ئىچكى موڭغۇلىيەدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەردى

ب ب س تورىنىڭ 29-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلىيەدە بىر تۈركۈم موڭغۇل خەلقى خىتاينىڭ يېڭىدىن چىقارغان ئاتالمىش «قوش تىل» سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلغان.

ئىچكى موڭغۇلىيە مائارىپ نازارىتى 26-ئاۋغۇست دەرسلىك پىروگراممىسىغا ئالاقىدار يېڭى قارار لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قاراردا باشلانغۇچ 1-يىللىق ۋە تولۇقسىز 1-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسىنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇنداقلا كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تارىخ ۋە سىياسەت دەرسلىكىنىڭمۇ خىتايچە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

مەزكۇر قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، موڭغۇل خەلقى كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشى قىلغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە بىر تۈركۈم يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. موڭغۇللارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موڭغۇل ئوقۇتقۇچىلارمۇ نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئەرەنخوت شەھىرىدىكى بارلىق موڭغۇل ئوقۇتقۇچىلار دەرس تاشلىغان.

ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى نۇرغۇنلىغان مۇنازىرە توپلىرىنى، بىر قىسىم موڭغۇلچە مۇنازىرە تور بەتلىرىنى تاقىۋەتكەن. يەرلىك دائىرىلەر موڭغۇل ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ئاتا-ئانىلارنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بىر قىسىم نامايىش تەشكىللىگۈچىلەر تۇتۇپ كېتىلگەن. يۈزدىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئۆيىدە نەزەربەند قىلىنغان. يەرلىك چارۋىچىلارنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ ئۆيىدىن ئايرىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغان.

 

بۇ خەۋەر 8821 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2020 18:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق