مىسىردا راي سىناشتا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجە چىققان

مىسىردا راي سىناشتا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجە چىققان

 

جامائەت پىكىرى تەتقىقات شىركىتى «Areda Survey» 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە مىسىردا 1047 ئادەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، راي سىناش ئېلىپ بارغان. بۇ راي سىناشتا شىركەت خادىملىرى مىسىر خەلقىدىن «ئۆزىڭىزنىڭ دۆلىتىدىن باشقا ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت قايسى؟»، «سىز مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش سىياسىتىدىن رازىمۇ؟» قاتارلىق بىر نەچچە خىل سوئال سورىغان. نەتىجىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بەزى جاۋابلارغا ئېرىشكەن.

شىركەت خادىملىرىنىڭ «سىز مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش سىياسىتىدىن رازىمۇ؟» دېگەن سوئالىغا راي سىناشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ %41.6ى «ياق» دەپ جاۋاب بەرگەن. %40ى «رازى»، %18.4ى «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. «ئەگەر مىسىردا دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈلسە، ھازىرقى سىسى ھۆكۈمىتىگە بېلەت تاشلامسىز؟» دېگەن سوئالغا %48.5ى «ياق»، %35ى «بېلەت تاشلايمەن»، %16.5ى «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. «سىزچە دۆلەت رەھبەرلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئاساستا مۇستەقىل قارار چىقىرالامدۇ؟» دېگەن سوئالغا %48.6ى «ياق»، %41.4ى «ھەئە»، %10ى بولسا «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

 «دۆلىتىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي بايلىقى سىزچە قانداق ئىشلىتىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالغا راي سىناشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ %53.6ى «ھۆكۈمدارلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. %38.1ى «ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي بايلىقىمىزنى خەلق بىلەن ئورتاقلىشىدۇ»، %8.3ى «ئىقتىسادىي بايلىقىمىز غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تىزگىنىدە» دەپ جاۋاب بەرگەن.

«سىزنىڭچە دۆلەت باشقۇرۇش سىياسىتى بىلەن خەلقنىڭ پىكىرى ئوتتۇرىسىدا پەرق بارمۇ؟» دېگەن سوئالغا %45ى «پەرق بار» دەپ جاۋاب بەرگەن. %29.2ى «قىسمەن پەرق بار»، %16ى «پەرق يوق»، %9.8ى «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

«ئۆزىڭىزنىڭ دۆلىتىدىن باشقا ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت قايسى؟» دېگەن سوئالغا راي سىناشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ %31.4ى «تۈركىيە» دەپ جاۋاب بەرگەن. %10.4ى «سەئۇدى ئەرەبىستان»، %6.2ى «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى»، %1.6ى «قاتار»، %1ى «پاكىستان»، %0.5ى «ئىران»، %9.7ى «باشقا دۆلەتلەر» ۋە %39.2ى «ھېچقايسىسى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

«سىز قايسى دۆلەتتە ياشاشنى خالايسىز؟» دېگەن سوئالغا، %45.6ى «ئۆز دۆلىتىمدە ياشاشنى خالايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. %19.3ى «ياۋروپا دۆلەتلىرىدە»، %9.1ى «تۈركىيەدە»، %8.5ى «ئامېرىكىدا»، %5.7ى «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە»، %3.1ى «سەئۇدى ئەرەبىستاندا»، %1.5ى «قاتاردا»، %1.1ى «خىتايدا»، %0.1ى «ئىسرائىلىيەدە»، %6ى بولسا «باشقا دۆلەتلەردە» دەپ جاۋاب بەرگەن.

«سىزنىڭچە ھازىر ئەركىنلىك ئىچىدە ياشاۋاتىمەن، دەپ ئويلامسىز؟» دېگەن سوئالغا راي سىناشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ %53.6ى «ياق» دەپ جاۋاب بەرگەن. %37.3ى «ھەئە»، %9.1ى «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

«ئەگەر دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان بىرەر ھەرىكەت باشلانسا قوشۇلامسىز؟» دېگەن سوئالغا %38ى «ياق» دەپ جاۋاب بەرگەن. %30.3ى «ھەئە»، %31.7ى بولسا «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

«ئەگەر دۆلەتنى باشقۇرۇشتا مەسىلە كۆرۈلۈپ، ئىچكى ئۇرۇش چىقىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟» دېگەن سوئالغا %46.8 كىشى «دۆلىتىمنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. %29.2ى «ھازىرقى ھۆكۈمەتنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن»، %24ى بولسا «قوشنا دۆلەتلەرگە بېرىپ پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

شىركەت خادىملىرى يەنە «سىز تۈركىيە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلامسىز؟» دەپمۇ سورىغان. بۇ سوئالغا قاتناشقۇچىلارنىڭ %15.3ى «قاتنىشىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ جاۋابىغا ئاساسلانغاندا، سىسى ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە بىلەن يېقىنلىشىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، كۆپ قىسىم مىسىر خەلقىنىڭ يەنىلا پەلەستىننى قوللايدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

 

بۇ خەۋەر 29948 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2020 18:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق