موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتى تېخىمۇ كېڭەيدى

ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىچكى موڭغۇلىيە خەلقى خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپ» پىلانىغا قارشى نامايىش باشلىغاندىن بېرى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىق باشقا رايونلارغا كېڭەيگەن. قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي مەزكۇر رايونلارنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئالغان.
جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەكتەپ فورمىسى كىيگەن نەچچە يۈز موڭغۇل ئوقۇغۇچى تۇڭلياۋ شەھىرى ئوتتۇرا مەكتىپى ئالدىدا: «موڭغۇل مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرىمىز» دەپ شوئار توۋلىغان. نامايىش يۈز بەرگەن موڭغۇلىيە ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دەرۋازىسى ۋە ساقچىلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ مەكتەپتىن ئايرىلغان.
تۈنۈگۈن ئەتىگەن سائەت ئۈچتە مەكتەپكە سولانغان يۈزلىگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ ئىشكاپلىرىنى بۇزۇپ ئېچىپ، مەكتەپ تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان يانفونلىرى ئارقىلىق ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان. شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت بەشكىچە بارلىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلغان. يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تۇڭلياۋ شەھىرىدىكى لۇبېي بازىرىدا تۈنۈگۈن كوچىغا چىقىش چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ بۇ رايونغا كىرىپ-چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان، پۈتۈن شەھەر قامال قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ پىلانىغا قارشى تۇرغان موڭغۇللار تۈنۈگۈن ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى ئاساسلىق شەھەرلەردە نامايىش قىلىشنى پىلانلىغان. خىتاي خوخخوت شەھىرىدىكى شىنخۇا مەيدانىغا نۇرغۇن ئالاھىدە ساقچى ئورۇنلاشتۇرغان. دائىرىلەر ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىشكە زورلاش ۋە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئاماللارنى قىلغان بولسىمۇ، بىراق موڭغۇللار ئۆز مەيدانىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي تىلى مائارىپنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خۇ فامىلىلىك بىر موڭغۇل فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى بارلىق مەكتەپلەر دېگۈدەك خىتاي سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقىنى، ئەگەر خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى نەچچە ئون يىل يولغا قويۇلسا، بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەنە بىر موڭغۇل كىشى مۇخبىرغا نەچچە ئون مىڭ موڭغۇلنىڭ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى، قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ پۈتكۈل ئىچكى موڭغۇلىيەگە تارقالغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ئاتا-ئانىلارمۇ مەكتەپ سىرتىدا نامايىش قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
«ئالما كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل خەلقى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن خىتاينىڭ مائارىپ پىلانىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. كىشىلەر كوچىلاردا موڭغۇلچە ئەنئەنىۋى ناخشىلارنى ئېيتقان. تۇڭلياۋ ۋە چىفېڭ شەھەرلىرىدىكى يېمەكلىك يەتكۈزۈش خىزمەتچىلىرى مال يەتكۈزۈش ساندۇقلىرىغا «ئانا تىلىمىزنى قوغدايمىز» دېگەن شوئارلارنى يېزىپ قويغان.

بۇ خەۋەر 8724 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2020 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق