ئەڭ يېڭى دوكلاتتا خىتاينىڭ ئون يىل ئىچىدە يادرو ئوق بېشىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى 1-سېنتەبىر پارلامېنتقا يىللىق «خىتاي ھەربىي ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك تەرەققىيات دوكلاتى»نى تاپشۇرغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە يادرو ئوق بېشىنى بىر ھەسسە ئاشۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ 200دىن ئارتۇق يادرو ئوق بېشىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئون يىل ئىچىدە يادرو ئوق بېشىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىدىغانلىقى، بەش يىل ئىچىدە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى 200گە يەتكۈزىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ يادرو ئوق بېشى سانىنى ئاشكارىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا ئالىملار بىرلەشمىسى خىتايدا 320 تال يادرو ئوق بېشى بارلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن يادرو قورالى قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە يەنە ھاۋادىن قويۇپ بېرىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ زامانىۋى ھەربىي قوراللارنى داۋاملىق كېڭەيتىشى خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە 2049-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكىغا يېتىۋېلىش، ھەتتا ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن ئىكەن.

 دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش نىيىتىدىن يانمىغانلىقى، ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقى، خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي جەھەتتىكى پەرقىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە داۋاملىق قورال-ياراغ سېتىپ بېرىپ، تەيۋەننىڭ ھەربىي مۇداپىئە كۈچىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

بۇ خەۋەر 8736 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2020 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق