ئىچكى موڭغۇلىيە رادىيوسىنىڭ 300 خىزمەتچىسى خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپىغا قارشى ئىمزا قويدى

ئىچكى موڭغۇلىيە رادىيوسىنىڭ 300 خىزمەتچىسى خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپىغا قارشى ئىمزا قويدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 2-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلىيە رادىيوسىنىڭ 300 خىزمەتچىسى خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان قوش تىل ئوقۇتۇش پىلانىغا قارشى ئىمزالىق مەكتۇپ يازغان.

ئىمزالىق مەكتۇپتا خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ پىلانىنىڭ «خىتاي ئاساسىي قانۇنى» ۋە «خىتاي مىللىي ئاپتونوم رايونلار قانۇنى»دىكى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئىچكى موڭغۇلىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسىمۇ خىتاينىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئوقۇتۇش پىلانىنى يولغا قويۇشنى رەت قىلىپ ئىمزا قويغان. ئىمزا تىزىملىكى ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ مائارىپ دائىرىلىرىگە ئەۋەتىلگەن.

ئىچكى موڭغۇلىيە مائارىپ نازارىتى 26-ئاۋغۇست دەرسلىك پىروگراممىسىغا ئالاقىدار يېڭى قارار لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قاراردا باشلانغۇچ 1-يىللىق ۋە تولۇقسىز 1-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسىنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇنداقلا كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تارىخ ۋە سىياسەت دەرسلىكىنىڭمۇ خىتايچە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرغان.

مەزكۇر قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، موڭغۇل خەلقى كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشى قىلغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە بىر تۈركۈم يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. موڭغۇل ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار كەڭ كۆلەمدە دەرس تاشلىغان.

بۇ خەۋەر 8893 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2020 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق