خىتاي ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى نامايىشچىلارنى باستۇردى

خىتاي ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى نامايىشچىلارنى باستۇردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىچكى موڭغۇلىيەدە يولغا قويۇلماقچى بولغان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن موڭغۇللارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار كوچىلارغا چىقىپ، خىتاينىڭ ئۈچ يىللىق مائارىپ پىلانىغا قارشى نامايىش قىلغان. خىتاي قوش تىل مائارىپى ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇلىيەدە خىتاي تىلى دەرسلىكىنى يولغا قويۇپ، موڭغۇللارنىڭ تارىخ، ئەدەبىيات ۋە مىللىي دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

نىيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىكى بىر پارچە دوكلاتىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ خىتاينىڭ يېڭى سىياسىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ۋە بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان. نامايىشچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدا نامايىش قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بەزى سىنلار خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئىچكى موڭغۇلىيەدە موڭغۇل تىلىدا دەرس ئوقۇتىدىغان مەكتەپلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان. شۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى يولغا قويماقچى بولغان يېڭى سىياسىتى موڭغۇللارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. بەزى كىشىلەر خىتاي سىياسىتىنىڭ ئاللىقاچان يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن موڭغۇللارغا نىسبەتەن خەتىرى زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىچكى موڭغۇلىيە مائارىپ نازارىتى 26-ئاۋغۇست دەرسلىك پىروگراممىسىغا ئالاقىدار يېڭى قارار لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قاراردا باشلانغۇچ 1-يىللىق ۋە تولۇقسىز 1-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسىنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، شۇنداقلا كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تارىخ ۋە سىياسەت دەرسلىكىنىڭمۇ خىتايچە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 8775 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2020 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق