خىتاي لوس ئانجىلېس ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

خىتاي لوس ئانجىلېس ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان لوس ئانجىلېس ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى «لوس ئانجىلېس ۋاقىت گېزىتى» خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېزىتنىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مۇخبىرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن قوغلانغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر خىتاي ساقچى ئۇنىڭ گېلىنى سىقىپ كامېرغا ئىتتىرىۋەتكەن.  تۆت سائەتتىن ئارتۇق قامىغاندىن كېيىن ئۇنى موڭغۇلىيەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغان.  

مەزكۇر مۇخبىر ئىچكى موڭغۇلىيەدە بىر مەكتەپ ئالدىدا پۇقراچە كىيىم كىيگەن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىپ ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە ئۇنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئاخىردا ئۈچ ئەمەلدار ۋە بىر ساقچى ئۇنى پويىز ئىستانسىسىغا ئېلىپ چىقىپ ، ئۇلار پويىز قوزغالغانغا قەدەر  پويىز دېرىزىسىنىڭ يېنىدا ئۇنى مارىلاپ تۇرغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان. ئىچكى موڭغۇل شەھەرلىك تەشۋىقات تارماقلىرى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇرمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىچكى موڭغۇلىيە نوپۇسى 25 مىليون بولۇپ ،  تەخمىنەن% 79 نى خىتاي ئىگىلەيدىكەن. % 17 بولسا موڭغۇللار ئىكەن.

ئىچكى موڭغۇلىيە مائارىپ نازارىتى 26-ئاۋغۇست دەرسلىك پىروگراممىسىغا ئالاقىدار يېڭى قارار لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قاراردا باشلانغۇچ 1-يىللىق ۋە تولۇقسىز 1-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسىنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇنداقلا كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تارىخ ۋە سىياسەت دەرسلىكىنىڭمۇ خىتايچە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

مەزكۇر قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، موڭغۇل خەلقى كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشى قىلغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە بىر تۈركۈم يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. موڭغۇل ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار كەڭ كۆلەمدە دەرس تاشلىغان.

بۇ خەۋەر 8826 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2020 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق