خىتاي دائىرىلىرى موڭغۇل خىزمەتچىلەرگە تەھدىت سالدى

خىتاي دائىرىلىرى  موڭغۇل خىزمەتچىلەرگە تەھدىت سالدى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى مەكتەپلەردە خىتاينىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش پىلانىغا قارىتا قارشىلىق داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي قارشىلىق كۆرسەتكەن موڭغۇل يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەركەزنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمىسە، ئىشتىن قوغلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.
دۇڭۋاڭ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىچكى موڭغۇلىيەدە خىتايچە دەرسلىك ھەققىدىكى قالايمىقانچىلىق داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي موڭغۇل ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىشكە بۇيرۇغان. ئىچكى موڭغۇلىيە ساقچىلىرى ھەر تەرەپنى ئاختۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىغان.
خەۋەردە ئىچكى موڭغۇلىيە يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججىتى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ھۆججەتتە يەرلىك مەكتەپلەردە خىتايچە دەرسلىكىنى كۆپەيتىشنىڭ مەركەز چىقارغان قارار ئىكەنلىكى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى چوقۇم ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۆلۈم دەرىجىلىك ئىككى موڭغۇل كادىر مەزكۇر قارارنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالدىنقى شەنبە خىزمەتتىن ۋاقىتلىق توختىتىلغان. يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش كومىتېتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا بالىن يۇچى پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى بارلىق مەمۇرلار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلەرگە بالىلىرىنى دۈشەنبە كۈنى چوقۇم مەكتەپكە ئەۋەتىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ھەممىسىنىڭ ئىشتىن توختىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
چەت ئەلدىكى بىر قىسىم موڭغۇل تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قاتنىشىشقا تەشكىللىشى كېرەكلىكى، ئەگەر ئۇلار قوش تىل مائارىپىغا قارشى تۇرسا، ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش ۋە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش قىلمىشىغا چېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

بۇ خەۋەر 9487 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2020 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق