خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «مۇلەن»گە بولغان قارشىلىق سادالىرى خىتاينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

دىسنىي شىركىتى ئىشلىگەن يېڭى كىنو «مۇلەن» قويۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ كىنونى بايقۇت قىلىش سادالىرى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى كىنونىڭ تارقىتىلىشىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىكى ئاساسلىق تاراتقۇ ئورگانلىرىغا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەزكۇر كىنونىڭ قويۇلغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ بۇ چەكلىمىنى چىقىرىشىدا مەزكۇر كىنونىڭ شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ مەسىلىسىگە ئالاقىدار بولۇشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە قايتىدىن غۇلغۇلا قوزغىشى سەۋەب بولغان. بىر قىسىم شەخسلەر بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ خىتاي ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر كىنو ئۈچۈن 200 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان، ئاساسلىقى خىتاي كۆرۈرمەنلەرنى نىشانلانغان دىسنىي شىركىتى بۇ كىنونى ئەسلىدە بۇ يىل 3-ئايدا قويۇشنى پىلانلىغان. ئەمما خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قويۇلۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن. مەزكۇر كىنونىڭ باش رولچىسى ليۇ يىفېي خوڭكوڭ نامايىشىنى باستۇرغان ساقچىلارنى ئاشكارا قوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ۋە بايقۇت قىلىش سادالىرىغا دۇچ كەلگەن. كىنو 4-سېنتەبىر تۇنجى قېتىم تارقىتىلغاندىن كېيىن دىسنىي شىركىتىنىڭ كىنونىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى ۋە ساقچى قىسىملىرىغا رەھمەت ئېيتقانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنيادا بۇ كىنونى بايقۇت قىلىش سادالىرى قايتىدىن كۆتۈرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر كىنونى تەشۋىق قىلىشتىن چەكلىشى خىتاي بازىرىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتكەن دىسنىي شىركىتىگە يەنە بىر زەربە بولغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە دىسنىي شىركىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

بۇ خەۋەر 9504 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2020 11:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق