خىتاي نەننىڭ مەسچىتىنىڭ 40 مېتىرلىق مۇنارىنى چېقىۋەتتى

خىتاي نەننىڭ مەسچىتىنىڭ 40 مېتىرلىق مۇنارىنى چېقىۋەتتى
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خېنەندىكى نەننىڭ مەسچىتىنىڭ مۇنارىنى چېقىۋەتكەن.
خىتاي ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەش يىللىق رەزىل پىلانىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا زور تۈركۈمدىكى مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەن، چېقىلماي قالغان مەسچىتلەرنىڭ مۇنار ۋە گۈمبەزلىرىنى بۇزۇۋەتكەن ئىدى. خىتاي ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مەسچىتلىرىنىڭ مۇنار ۋە گۈمبەزلىرىنى چېقىشقا باشلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يەنە خېنەن شەھىرىگە تەۋە نەننىڭ مەسچىتىنىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىر كېلىدىغان مۇنارىنى كىران بىلەن چېقىۋەتكەن .
يەرلىك كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇنار ئېگىز بولغانلىقى سەۋەبلىك چېقىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كەتكەن. كىچىك كىراننىڭ كۈچى يەتمەي ئاخىردا چوڭ كىران ئارقىلىق چېقىپ ئېلىۋەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئالدىنقى ئايدىمۇ نىڭشادا نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەرنىڭ گۈمبەز ھەمدە مۇنارىنى چېقىپ تاشلاپ، ئورنىغا خىتايچە ئۇسلۇبتكى راۋاقلارنى ياساپ چىققان ئىدى.

بۇ خەۋەر 9359 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2020 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق