خىتاينىڭ جۇخەي شەھىرىدە قاتتىق پارتلاش يۈز بەردى

خىتاينىڭ جۇخەي شەھىرىدە قاتتىق پارتلاش يۈز بەردى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھىرىدە دۇمېن رايونىدا قاتتىق پارتلاش يۈز بەرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پارتلاش ئەتىگەن سائەت توققۇز ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە تورداشلار يوللىغان بىر قانچە سىندا كۆرسىتىلىشچە، سودا ۋە تۇرالغۇ بىنالىرى بار كوچىدىكى سەككىز قەۋەتلىك مېھمانخانىنىڭ بىرىنچى قەۋەتتىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلگەن. ئارقىدىنلا يەر يۈزىنى تىترىتىپ قاتتىق پارتلاش يۈز بەرگەن. پارتلاشتا بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتى ئېغىر بۇزۇلغان، ئەتراپتىكى بەزى دۇكانلار ۋە ئولتۇراق بىنالارمۇ ۋەيران بولغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گاز چىقىپ كېتىش سەۋەبلىك پارتلاش كېلىپ چىققان بولۇپ، ئالاقىدار خادىملار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تېخىچە تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئون نەچچە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ۋە نەچچە ئونلىغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەن. پارتلاشتا ئۈچ كىشى يارىلانغان. باشقا خەۋەر مەنبەلىرىدە بولسا 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
گۇاڭدۇڭنىڭ «جەنۇب كۈندىلىك گېزىتى» خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دومېن رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ قاراشنى رەت قىلغان ۋە تور بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل ھالدا زور ۋەقەلەر ۋە ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ توردا تارقىتىلىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى شياڭشۈي ناھىيەسىدىكى بىر خىمىيەلىك زاۋۇتتا چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇق قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 9331 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2020 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق