خىتاي تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قارىتا چەكلىمىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە

زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىگە قارشى سىياسىتى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تۇڭگانلارنىڭ ئۆيىگە خالىغانچە بېسىپ كىرىپ، ئىسلام مەدەنىيەت سىمۋوللىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خېبېي ئۆلكىسى شىنلې شەھىرى پېڭجياجۇاڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلمايلا، ئىشىك ئۈستىگە يېزىلغان دۇئا ۋە ئايەتلەرنى باشقا مەنزىرە رەسىملىرىگە ئۆزگەرتىۋەتكەن.

ئەمەلدارلار ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارغا باغلاپ: «ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستاندا) ئىش تېرىغانلىقى سەۋەبلىك مەركەزدىن بارلىق ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان خەت ھەمدە پىلاكاتلارنى ئېلىۋېتىشقا بۇيرۇدى» دېگەن. تۇڭگان پۇقرالار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىنى يوقىتىپ، كىشىلەرنى كوممۇنىزمغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلىماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىر تۇڭگان پۇقرا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى. خىتاي ھازىر تۇڭگانلارنىڭ ئەرەب تىلى ئۆگىنىشىگە يول قويمايۋاتىدۇ. ئۇلار تۇڭگانلارنىڭمۇ ئۆزىگە قارشى تۇرۇشىدىن قورقىدۇ» دېگەن.

خىتاي يەنە، يۈچۈن بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىكى ئۈستىگە يېزىلغان دۇئا ۋە ئايەتلەرنى مەجبۇرىي مەنزىرە رەسىملەرگە ئۆزگەرتىۋەتكەن.

گەنسۇ ئۆلكىسى پىڭلياڭ شەھىرى كۇڭدۇڭ رايونىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلاردىن بىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پىڭلياڭدا نۇرغۇن خەتتاتلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلار ئەرەبچە خەتتاتلىق ئۇسلۇبى بىلەن خىتاي خەتتاتلىق ئۇسلۇبىنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنى، مەزكۇر ھۆسنخەتلەر مالايشىيا قاتارلىق چەتئەل مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولسا بۇ ئەرەبچە ھۆسنخەتلەرنى بوياق بىلەن بويىۋەتكەنلىكىنى، ھەتتا ئىشىك ئۈستىدىكى ئەرەبچە يېزىقلارنى ئېلىۋەتمىسە، ئىشىك-دەرۋازىسىنى چېقىپ تاشلايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 9685 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2020 18:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق