خىتاينىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا بولغان زەربىسى

خىتاينىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا بولغان زەربىسى

 

ئەرۋەن دەۋرىم زەليۇت (Evren Devrim ZELYUT)

 

ھازىر تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى پۇل پاخاللىقى، خامچوت قىزىل رەقىمى، پېرېۋوت نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، ئىشسىزلىق ۋە دۆلەت كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ئوخشاش مەسىلىلىرىمىزنىڭ ئارقىسىدا ئاساسلىق ئىككى سەۋەب بار. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن يىراق بولۇپ، 2020-يىلى 6-ئايدىكى تاشقى سودا ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان تاۋار ئېكسپورتىمىزنىڭ ئاران %3.5 ىنى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار تەشكىل قىلغان. ئەگەر چەتئەلگە ساتقان مېلىڭىزنى ئەرزان باھادا ئىشلەپچىقىرىپ، قىممەت باھادا ساتالمىسىڭىز، دۆلەت خەزىنىسىنى دوللار بىلەن تولدۇرالمايسىز. بۇنداق بولغاندا، چەتئەل پۇلى دۆلەتتە كەمچىل بولۇش بىلەن بىرگە، پېرېۋوت نىسبىتى ئۆسۈشكە باشلايدۇ. ئىككىنچىسى، تاشقى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى تۈركىيەنىڭ زىيىنىغا قاراپ تەرەققىي قىلسا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ پايدىسىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.

مانا مۇشۇنداق ئەڭ ئېغىر سودا تەڭپۇڭسىزلىقى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلمەكتە. بىز يېقىنقى بەش يىللىق سودا ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى. تۈركىيە 2015-يىلى خىتايدىن 25.2 مىليارد دوللارلىق، 2016-يىلى 24.8 مىليارد دوللارلىق، 2017-يىلى 23.7 مىليارد دوللارلىق، 2018-يىلى 21.5 مىليارد دوللارلىق، 2019-يىلى 19.1 مىليارد دوللارلىق مال سېتىۋالدى. ئەمما بۇ يىللاردا تۈركىيە خىتايغا ئىككى مىليارد دوللار، بەش مىليارد دوللار، ئۈچ مىليارد دوللارلىق مال ساتتى. شۇنداق قىلىپ تۈركىيە پەقەت بۇ بەش يىل ئىچىدە خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىليارد دوللاردىن زىيان تارتتى.

تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدا تۈركىيەنىڭ خىتايدىن سېتىۋالغان ماللىرىنىڭ ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان «دەسمايە مال» ۋە «يېرىم تەييار مەھسۇلات» ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بىز شۇنچە زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، بۇلار يەتمىگەندەك، خىتاي تۈركىيەدىن سېتىۋالغان ئازغىنە ماللارنى گويا قىرىق ئۆلچەپ، بىر كېسىپ، ئاجايىپ گىجىڭلىق ۋە ئېھتىيات بىلەن سېتىۋالىدۇ. شۇنداقلا مال ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىمىزنىڭ ئىشىنى قىيىنلاشتۇرۇشقا، يولىنى توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ خىل ناھەقچىلىك تۈركىيە خەلقىنى كەمبەغەللەشتۈرسە، خىتاي خەلقىنى باي قىلماقتا.

خىتاي بىزگە مەجبۇرى مال ساتمايدۇ. ئەمما دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى باشقۇرۇۋاتقانلار دۆلەت سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىككىنچى ئورۇنغا، سودىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتەك خاتا سىياسەتلىرى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇشۇنداق زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولدى. بەكمۇ ئەپسۇسكى، تۈركىيە بولۇپمۇ كېيىنكى 20 يىلدا سانائەت ۋە ئېغىر سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا چەتئەللىكلەرنىڭ ماللىرىنى ساتىدىغان غايەت زور تىپتىكى سودا سارايلارنى بەرپا قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى.

 بىز سودا ۋە تاشقى سودىدا تۆۋەندىكىدەك باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:

خىتاينىڭ تۈركىيەدىن مال سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجى يوق. چۈنكى خىتاي بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە تاشقى سودىدا ئادىل بولغان بىر قۇرۇلما بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. تۈركىيەنىڭ خىتايغا ساتىدىغان مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ يەردىكى مەسىلە خىتاي بىلەن ئولتۇرۇپ سودا توختىمى تۈزگۈدەك بىر ئىرادىنىڭ يوقلۇقى بولۇۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ يالغۇز خىتاي بىلەنلا ئەمەس، رۇسىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن بولغان سودىسىدىمۇ ئىنتايىن چوڭ قىزىل رەقەملەر كۆرۈلمەكتە. رۇسىيە بىلەن بولغان سودىدا كۆرۈلگەن قىزىل رەقەمنىڭ سەۋەبى ئېنېرگىيە سېتىۋېلىشىمىزدىن كېلىپ چىقتى. گېرمانىيە بىلەن بولغان سودىدا كۆرۈلگەن قىزىل رەقەم ھەر يىلى 4-5 مىليارد دوللار بولۇپ، خىتايغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە تۆۋەن تۇرىدۇ. گېرمانىيە تۈركىيە ئەڭ كۆپ مال ساتىدىغان بەش دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ بەش دۆلەتنىڭ ئىچىدە خىتاي يوق.

تۈركىيەدە بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە كارخانىچىلىرى ئۈچۈن سېتىۋېلىشقا تايىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېلىپ-سېتىش، يەنى باشقىلارغا تايىنىپ قالىدىغان سىستېما ئۆزگىرىشى كېرەك. تۈركىيە يېرىم تەييار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدەك يەرلىك سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. تۈركىيە ئىقتىسادى خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، خىتاينىڭ زومىگەرلىككە ئايلانغان تاشقى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى سۆھبەت ئارقىلىق تۈزىتىشى كېرەك.

بۇ خەۋەر 41946 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2020 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق