تۈركىيەدە كىملىك ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىرلەشتۈرۈلىدۇ

تۈركىيەدە 21-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن كىملىك كارتىسى بىلەن شوپۇرلۇق كىنىشكىسى (Ehliyet) بىرلەشتۈرۈلۈۋېتىدۇ.

17-سېنتەبىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ كىملىك كارتىسى بىلەن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى توغرۇلۇق سۆز قىلىپ: «تۈركىيە كىملىك كارتىسى بىلەن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدۇق. ئاللاھقا شۈكۈر، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان بۇ نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى. بىز بۇ خىزمەتنى ئالدى بىلەن ئەنقەرەدىن باشلايمىز. مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنىدىن باشلاپ خەلقىمىز نوپۇس مۇدىرلىقىغا (Nüfus Müdürlükleri) تېلېفون قىلىپ، كۆرۈشۈش ۋاقتى بەلگىلەپ، نوپۇس مۇدىرلىقىغا كەلسە، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدىكى مەلۇماتلار كىملىك كارتىسىغا كىرگۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ كۆپ دېگەندە 8-10 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ خىزمەت ئۈچۈن ھېچقانداق پۇل ئېلىنمايدۇ. تۇنجى قېتىم كىملىك كارتىسى ئالىدىغانلار نوپۇس باشقارمىسىغا بارغاندا خادىملار شوپۇرلۇق كىنىشكىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورايدۇ، ئەگەر بولسا شوپۇرلۇق كىنىشكىڭىزدىكى مەلۇماتلارنى يېڭىدىن ئالماقچى بولغان كىملىك كارتىڭىزغا كىرگۈزۈپ بېرىدۇ» دېدى.

سۇلايمان سويلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئۆمۈر بويى كۈچكە ئىگە ئەمەس. خۇددى بۇرۇنقى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئوخشاش ۋاقتى توشقاندا مەلۇماتلار كىملىك كارتىسىدىن ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بېرىپ، ۋاقتى ئۇزارتىلغان شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى قاتارلىق مەلۇماتلىرىنى قايتىدىن يېڭىلاپ ئىشلىتىدۇ. يەنە ئالدىمىزدىكى يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئېلېكتىرونلۇق كىملىك دەلىللەش سىستېمىسىنى يولغا قويىمىز. بۇ سىستېما يولغا قويۇلغاندىن كېيىن كىملىكىڭىزنى پاسپورت ئالىدىغان، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى ئالىدىغان ۋاقىتتا گۇۋاھلىقتىن (Noter) ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ ھەرخىل رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى ئۈچۈن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

 
بۇ خەۋەر 1027 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2020 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق