تۆھپىكار ۋەتەن ئۆلىمالىرى

تۆھپىكار ۋەتەن ئۆلىمالىرى

(بېشارەت ماقالىلىرىدىن)

«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر ئىشتا ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ھەدىسكە) مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر» [نىسا سۈرىسى، 59-ئايەت].

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار چەت ئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىققاندىن كېيىن ئەركىن دۇنيادا تۈرلۈك ئەقىدە-ئېتىقاد، كۆز قاراش ۋە پىكرىي ھۇجۇملارنىڭ نەتىجىسىدە، شۇنداقلا دىنىمىزغا يەتكەن زەربە ۋە مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر مۇسىبەتلەرنىڭ سەلبىي تەسىرىدە چەت ئەلدىكى ئاز بىر قىسىم ئۇرۇقلۇق بولۇپ قالغان تەۋەررۈك ئالىم-ئۆلىما، داموللا-خەلپەت ھاجىملىرىمىزنى قانداقتۇر مەسخىرە قىلغاندەك «ۋەتەندىن چىققان موللىلار، ۋەتەن مەدرىسەلىرىدە ئوقۇغان ئاخۇنۇملار»، ئۇنداق-مۇنداق... دېگەندەك كەمسىتىش يوشۇرۇنغان ئىبارىلەر بىلەن غەرەزلىك قامچىلاپ، بۇرنىدا پىننە سورۇپ، ئۇلارغا قارىتا سەلبىي پىكىرلەرنى ۋىرۇس كەبى تارقىتىپ يۈرمەكتە.

ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ۋەتەندە قالغان ئۆلىمالارنىڭ بىر قىسىملىرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، يەنە بىر قىسىملىرى تۈرمە-لاگېرلاردا دەھشەتلىك قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر مەزگىللەردە ۋەتەن ئۆلىمالىرىدىن بىر قىسمى ئاللاھنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا بولغان رەھمىتى بىلەن ھىجرەت زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خەلقنىڭ يېتەرلىك قوللىشىغا، ھىمايىسىگە ئېرىشىشنىڭ ئورنىغا ئەيىبلىنىش، كۆزگە ئىلىنماسلىق، ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش، تۆھمەت، بوھتان ۋە ھاقارەت ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

بۇنىڭغا ئەگىشىپ، يېتىلىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەردە ياكى يېشى چوڭ بولسىمۇ نادان ئادەملەردە ئۆلىمالارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە كەمسىتىش، ھەتتا ھاقارەت تۈسىنى ئالغان، يۈرەكنى ئېچىشتۇرغۇدەك ئىبارىلەر بىمالال ھالدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە.

تالىپلار قىممەتلىك دەرسلىرىگە قاتنىشىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش شەرىپىگە نائىل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇدەررىس ئۇستازلار بۈگۈنكى كۈندە خېلى كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن، شۇنداقلا بىر بۆلۈك مەكتەپ-ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تۆۋەن كۆرۈلىدىغان، ھەتتا سالاممۇ قىلىنمايدىغان ھالغا كېلىپ قالماقتا.

مۇھىم يىغىلىشلار، توي-تۆكۈنلەردە بەزى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ھاڭۋىقىپ ئاڭلايدىغانلار بۇ مۆھتەرەم ئۇستازلارنىڭ قولىغا مىكروفوننى ئېلىپ، دۇنيا-ئاخىرەتلىك سائادەت ئېلىپ كېلىدىغان نەسىھەت دۇردانىلىرىنى ھەدىيە قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا بەزى سەبىي رىياسەتچىلەرنىڭ تەۋەررۈك ئالىملىرىمىزغا «گەپ قىلىپ بەرسىلە، ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن» دېگەندەك تەلەپلىرى كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرمەكتە.

بەزى سورۇنلاردا، توي-مەرىكىلەردە شېئىر-قوشاقلارغا، ناخشا-ئۇسۇللارغا يېتەرلىك ۋاقىت بار، ئەمما ئىككى ئېغىز تەبلىغقا ۋاقىت يوق، سۆزلىرى ناۋاتتەك ئۆلىمالار پائالىيەتلەردىن سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەن ئەھۋاللار كىشىلەرنىڭ ئۆز مىللىي ئەنئەنىلىرىدىن، ئىسلامىي مەدەنىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، غەرب مەدەنىيىتىگە شىددەت بىلەن ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەمدە ئۆلىمالارنىڭ بۇ يولدا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئەسلىدە، ۋەتەن ئۆلىمالىرى ھېچقانداق دىنغا ئىشەنمەيدىغان ھەم بار كۈچى بىلەن دىنغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان كوممۇنىست ئىستېلاسى ئاستىدا تۈرلۈك-تۈمەن زۇلۇملارنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا چەيلىنىپ، ئىزچىل دىنسىزلاشتۇرۇش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان نەچچە ئون مىليونلىغان خەلقنىڭ دىنىنى، تىلىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىشتا ئالاھىدە تۆھپىسى بار بولغان ئۆلمەس قەھرىمانلار ئىدى ئەمەسمۇ؟

ئۇلار ئەسلىدە ۋەتەندىكى ۋاقىتلىرىدا تەقۋالىقنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان ئىككى ئېغىز ۋەز-نەسىھىتىنى، تەسىرلىك دەۋەت-تەبلىغلىرىنى ئاڭلاپ قەلب تەشنالىقنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەر يېزا ئاتلاپ، ھەتتا شەھەر ئاتلاپ كېلىدىغان، بارغان سورۇنلىرىغا، خۇتبە ئوقۇغان مەسچىت-جامىلىرىگە كىشىلەر سەلدەك ئاقىدىغان ئۇيغۇر خەلقنىڭ كەم ئۇچرايدىغان غەمگۈزار ئىسلاھاتچىلىرى ئەمەسمىدى؟

ئۇلار ئەسلىدە پەتىۋا سوراپ كەلگەنلەر ياكى دەۋالىرىنىڭ ئىسلام ھۆكمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىش ئۈمىدى بىلەن كەلگەنلەر دەرۋازىسى ئالدىدا خۇددى قاراۋۇللاردەك سەپ-سەپ ئۆچرەت تۇرۇپ، كۈنلەپ ساقلاپ ئاران دېگەندە كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىنىدىن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىپ قالىدىغان، پەخىرلىك ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز، قازى-مۇپتىلىرىمىز ئەمەسمىدى؟

ئەجەبا ، ھەقىقىي خۇشاللىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايۋاتقان، جامى-مەسچىتلەرگە، تەبلىغ سورۇنلىرىغا بارماي نەسىھەت ئاڭلىيالمايۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرگە، قىز-ئاياللارغا ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتكە قارىتا ئۆز نۆۋىتىدە قىممەتلىك نەسىھەتلەر بىلەن ئىسلامى ھايات يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش ھەممە ئىشتىن مۇھىم ئەمەسمىدى؟

ئەجەبا ، بەزى نادىر، قىممەتلىك سورۇنلاردا دىنىمىزنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۆلىمالىرىغا سۆز بېرىلمەسلىكى، ھەمدە ئىككى ئېغىز دىنى سۆزنىڭ بولۇنماسلىقى، ھەتتا بەزى ئولتۇرۇشلاردا ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇپ «تەبلىغ قىلىنمىسۇن» دېيىشلىرى ۋە ياكى ئۆلىمالارنى چاقىرماستىن ئۇلارنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى مۇسۇلمان خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزگىرىپ قايسى سەۋىيەگە بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ؟

ئۆلىمالارنى خارلىغانلىق ماھىيەتتە دىننى خارلىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر، چۈنكى دىن مۇسۇلمانلار ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار ئۆلىمالار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئىزچىل داۋاملىشالايدۇ.

ۋەتەندە يېتىشكەن ئۆلىمالارنىڭ قىسمەن يېتەرسىزلىكلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار دىننىڭ تىرىك كۆرۈنۈشلىرىدۇر، ئۇلار ئىسلامنىڭ شىر ئەزىمەتلىرىدۇر، ئۇلار شۇنچىۋالا تەھدىت ۋە قورقۇنچلارغا پەرۋا قىلماستىن جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ «بىسمىللاھ، يا ئاللاھ! ئۆزۈڭگە تەۋەككۈل قىلدىم» دەپ، ئىلىم ئىشقىدا ئېچىرقاپ كەتكەن ئەۋلادلىرىمىزنى ئىلىم بۇلىقى بىلەن سۇغارغان مىسلى يوق مۇبارەك ئۇستازلاردۇر.

ئۇلار كوممۇنىست ئاسارىتىدە نادانلىقتىن ئىڭراۋاتقان مىليونلىغان خەلقىمىزگە تۈرمە ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە بولىدىغان چىدىغۇسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆز ئالدىغا ئېلىپ قويۇپ، ئاللاھنىڭ دىنىنى ساغلام ھالەتتە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز، ھارماي-تالماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ئۇلۇغ قەھرىمانلاردۇر.

ئۇلار تەسىرلىك نۇتۇقلىرى، جانلىق دەۋەتلىرى ئارقىلىق يولدىن چىققان ياشلارنى ھىدايەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرغان، شەھەر-يېزىلاردىكى بارلىق جامى-مەسچىتلەرنى ياشلار بىلەن تولدۇرغان، شۇنچىۋالا قىيىن شارائىتتىمۇ دىن ئۈچۈن مال-جېنىنى بېغىشلىيالايدىغان قورقماس، پىداكار ئەزىمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن دەۋەت چەۋەندازلىرىدۇر.

ئۇلار ھەرىكىتىگە، سۆزىگە، ھەتتا قەلبىدىكى خىياللىرىغىمۇ چەكلىمىلەر قويۇلغان بولۇشىغا قارىماي، كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 1949-يىلدىن بۇيانقى يەتمىش يىللىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىمان-ھىدايەتتىن، مائارىپ-سىياسەتتىن ۋە تۈرلۈك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، بىر پۈتۈن نادانلىق زۇلمەتلىرى ئاستىدا قالدۇرۇلغان، دىندىن ئىنتايىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر خەلقىنى 1980-يىللىرىدىن 2014-يىللارغىچە بولغان ئوتتۇز نەچچە يىل جەريانىدا تاشقى جەھەتتىن ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشى ۋە تۇرمۇشتا تەتبىقلىنىشى جەھەتتە دۇنيادىكى مەككە، مەدىنە قاتارلىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەرلەرنىڭ قاتارىغا تىزىلالىغۇدەك، مەنىۋى جەھەتتىن بولسا ئىماننىڭ چوڭقۇر سىڭىشى ۋە ئۆزلىشىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرالىغۇدەك بىر جەمئىيەت بەرپا قىلغان ئەڭ بۈيۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر، تۆھپىكار ئۇستازلاردۇر.

ئۇلار ئاشكارا دېيەلمىسە مەخپىي، سورۇندا دېيەلمىسە ئايرىم-ئايرىم بولسىمۇ قۇرئان ھەقىقەتلىرىنى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن ھارماس دەۋەت تۇلپارلىرىدۇر.

ئۇلار دىنغا ئىچ -ئىچىدىن كۆيۈنىدىغان، مەنپەئەتنى ئاساس ئەمەس، بەلكى شەرىئەتنى، راھەتنى ئەمەس، بەلكى تۈرمىنى كۆز ئالدىغا ئېلىپ قويۇپ، كېچە زۇلمەتلىرىدە، سەھەر قاراڭغۇلۇقلىرىدا شۇڭغۇپ يۈرۈپ، ئەۋلادلارنىڭ ئېغىزىغا ئىلىم-بىلىم سالغان، ئىمان-ئىسلام ئۆگەتكەن، ئەجرىنى ئاللاھتىن كۈتىدىغان، ھېچقانداق مائاش تەلەپ قىلمايدىغان، ناۋادا بىر ئادەم قولىدا ھىدايەت تېپىپ قالسا، ئالەمچە خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ھەقىقىي ئىخلاسمەن، ئاللاھنىڭ ئەزىز بەندىلىرىدۇر.

ئۇلار پەقەت كۆزىمىزگە بىزگە ئوخشاش ئىنسان كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈنلا ئاددىي كۆرۈنۈپ قالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئىچىدىكى تاللانغان دوستلىرى، ياخشى كۆرگەن ئەۋلىيالىرىدۇر[1].

ئۇلار بۈگۈنكىدەك ئىلىمنىڭ شەكلىنىلا ئەمەس، بەلكى جەۋھىرىنى، نەزەرىيەسىنىلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيىتىنى، لەقۋالىقنى ئەمەس، بەلكى تەقۋالىقنى ئوقۇغۇچىلارغا بەخش ئەتكەن دىننىڭ ئەڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدۇر.

ئۇلار بۈگۈنكى مەكتەپ-ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى قوڭغۇراق چېلىنغان ھامان دەرسنى كەلگەن يېرىدىن ئۈزۈپلا چىقىپ كېتىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىدە-ئەخلاقىغا ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ھەتتا بىر نەچچە يىل دەرس ئۆتۈپمۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان، ماشىنا ئادەمدەكلا دەرسىنى سۆزلەپلا چىقىپ كېتىدىغان، مائاشتىن باشقا چوڭ غېمى بولمىغان ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بىر بۆلۈك ئوقۇتقۇچىلاردەك ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلىرىغا بارلىقىنى بېغىشلىغان، ئائىلە ئىشلىرى ۋە تۇرمۇش مەسىلىلىرىگىچە كۆڭۈل بۆلگەن، ئەقىدە، ئەخلاق، تەقۋادارلىق سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەۋلادلارنى، ھەقىقىي پىداكار ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرۈشنى ئالىي نىشان قىلغان، فايسال مۇكاپاتىغا[2] لايىق ئۇستازلاردۇر.

ئۇلار دىنىي ئىلىملەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە پىشقان، دەرس ئۆگىتىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش قايناملىرىدا پىشىپ يېتىلگەن ئالىيجاناب ئۇستازلاردۇر.

ناۋادا چەت ئەللەردە باشقا مىللەت ئۆلىمالىرىدا شۇنچىۋالا ئېغىر بېسىم، خەۋپ-خەتەر ئاستىدا ئەمەس، بەلكى ئەركىن مۇھىت، بىخەتەر شارائىت ئىچىدە ئۇلاردەك پىداكارانە، ئىخلاس روھى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان ئالىملار بولۇپ قالسا، كىشىلەر ئۇلارنى باشلىرىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن بولاتتى، ئەڭ چوڭ خوجىلىرى قىلىۋالغان بولاتتى، تەۋەررۈك بىلىپ قوللىرىنى سۆيۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆچرەت بىلەن تىزىلغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، بىز قولىدا گۆھەر تۇرسا، تاش ئىزدەۋاتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتىمىز. ئادىتىمىز بويىچە ھەر دائىم نېمەتنى كېچىكىپ، بەكمۇ كېچىكىپ ھېس قىلىمىز.

 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزىز قېرىنداشلىرىم ، ئۆلىمالارغا ھۆرمەت قىلايلى! سەمىمىزدە بولسۇنكى، بۈگۈنكىدەك دىنىي ئىلىم كەمسىتىلىۋاتقان، جەمئىيەتنىڭ پاساتچىلىقى تۈپەيلىدىن ئىلىمنىڭ بەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ، دىنىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئازايغان، ھىممەت كەمەرلىرى بوشاپ قالغان بىر زاماندا، بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىمدا پىشقان نۆۋەتتىكىدەك تەجرىبىلىك مۇدەررىسلەر، ئەل ئېتىراپ قىلغان داموللام، خەلپەت ھاجىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئەپسۇس، بەكمۇ يىراقتا كۆرۈنۈۋاتىدۇ .

«يىراقتىكى موللا داموللا...» دېگەندەك، باشقىلارنىڭ ئۆلىمالىرى بەك چوڭ كۆرۈنۈپ كېتىپ، ئۇلارغا تەلمۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىزنى كىچىك سانىمايلى. خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى قاندۇرۇشتا تەقۋالىقىنى ساقلاپ قېلىشتا، دىننىڭ چەك-چېگرالىرىنى قوغداشتا، خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ خىزمەت قىلىشتا، ئىسلامىي جامائەت بەرپا قىلىشتا ئۇلارنىڭ باشقىلاردا تېپىلمايدىغان پەۋقۇلئاددە رولى بار. ئۇلاردىن ئايرىلغاندا ئۇلارنىڭ ئورنىنى باشقىلارنىڭ تولدۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز، ئەمما بەكمۇ كېچىكىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ھايات ۋاقتىدا قوللايلى، قەدىرلەيلى، ئۆزىمىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، باشقىلار ھەرگىز ئۇلارنى قەدىرلەپ بەرمەيدۇ.

بىلىپ قويايلىكى، ئۆلىمالارنىڭ خارلىنىشى دىننىڭ خارلىنىشى، ئۇلارنىڭ يوقىلىشى بولسا مىللەتنىڭ زاۋاللىقى دېمەكتۇر.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە دىندار زىيالىيلار ، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ يېتىشكەن ماگىستىر -دوكتورلار ۋە پىروفېسسورلارنى قامچىلاش ئۈچۈن يېزىلغان ئەمەس. تەتۈر مەنە چىقىرىۋېلىپ ئورۇنسىز خاپا بولۇۋالسىڭىز ئۆزىڭىزگە ئۇۋال قىلغان بولىسىز. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى، دەۋرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالىغۇدەك قابىلىيىتى بار، مەكتەپ-ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭمۇ بىر كىتاب پۈتكۈدەك پەزىلەتلىرى بار. بۈگۈنكى زاماندا دىنىي ئالىم بولۇپ، يېتىشىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغانلارنىڭ مۇدەررىس-ئۇستازلاردىن بىلىم ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىۋېرسىتېت مائارىپى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىنى يېڭى دەۋرگە لايىق ھالدا ھازىرلىشىمۇ زۆرۈر.

ئىستانبۇل 2020.09.19

--------------------------------------------------------------------


[1] بۇ يەردىكى ئەۋلىيا ئۇقۇمى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى قانداقتۇر ئاجايىپ-غارايىپ كارامەتلەر ئىگىسى بولغان كىشىلەر ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكى قۇرئان ئايىتىنىڭ دالالىتى بويىچە «ھەر قانداق ئىمان ئېيتىپ تەقۋادارلىق قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىدۇر» دېگەن كەڭ مەنىدىكى ئەۋلىيا ئۇقۇمى مەقسەت قىلىنغان. «راستتىنلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش (دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا) قايغۇرۇش يوقتۇر. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر».(يۇنۇس سۈرىسى، 62-ئايەت)

[2] سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فايسال 1977-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسلامى ئىلىم ۋە دىنى دەۋەت خىزمەتلىرىدە پەۋقۇلئاددە نەتىجە ياراتقان، ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن ئالىملارغا تەسىس قىلغان ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئالاھىدە يۇقىرى سوممىلىق خەلقئارالىق مۇكاپات.

بۇ خەۋەر 1237 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2020 10:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق