خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزمەكچى بولغانلىقى دىققەت قوزغىدى

ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر مەزكۇر تىزىملىكنىڭ قايسى شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تۈرلۈك پەرەزلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزمەكچى بولغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان. بۇ تىزىملىكنىڭ قايسى شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە بۇ تىزىملىكنىڭ تېخنىكا سانائىتى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسەتكە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەرخىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە Bytedance شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى تىك توك ۋە خىتايدىكى باشقا شىركەتلەرگە قارىتىلغان چەكلىمە ۋە جازالاش تەدبىرىگە قارشى ئىنكاس قايتۇرماقچى بولغان. تىك توكنىڭ ئورىكول (Oracle) شىركىتى ۋە ۋولمارت شىركىتى (WalMart) بىلەن بولغان قايتا قۇرۇش كېلىشىمىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى سەۋەبلىك، فېدېراتسىيە سوتچىسى يەكشەنبە كۈنى دونالد تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئەپ دېتالىنى چەكلىشىنى توسۇپ قويغان. خۇاۋېي ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشتىن ئىبارەت بىر قاتار چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، يېقىندا ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قايسى ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى نامەلۇم بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە رىقابەتلىشىدىغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بەزىلەر بۇ تىزىملىك پەقەت تېخنىكا شىركەتلىرىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دەپ قارىغان.

https://cn.wsj.com/articles/%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E5%8F%AF%E8%83%BD%E5%8F%91%E5%B8%83%E7%9A%84%E9%BB%91%E5%90%8D%E5%8D%95%E8%AE%A9%E7%BE%8E%E5%9B%BD%E4%BC%81%E4%B8%9A%E9%9D%A2%E4%B8%B4%E6%9B%B4%E5%A4%A7%E4%B8%8D%E7%A1%AE%E5%AE%9A%E6%80%A7-11601345188
بۇ خەۋەر 780 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2020 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق