ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتتىن خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارايدىغان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە ئەنگلىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا سەپەرۋەرلىك قىلغان دانكىن سىمىس ئوخشىمىغان پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى تەييارلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

قەيت قىلىنىشىچە، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى قانۇن بولۇپ تەستىقلىنىپ، ئالىي سوت خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقىنى بېكىتكەن تەقدىردە، ئەنگلىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشىشى مۇمكىن ئىكەن. دانكىن سىمىس ئەپەندى ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىستېمىلىق ئىرقىي تازىلاش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئاينىڭ بېشىدا ئەنگلىيەنىڭ 130 پارلامېنت ئەزاسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغان مەكتۇپقا ئىمزا قويغان. مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان.

ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى شىبان مىكدونا (Siobhain McDonagh) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان. باش ۋەزىر بورىس جونسون پۇرسەت تاپسىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنلىرىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، لوندون ئاممىۋى سوت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا باشلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 936 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2020 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق