ھىندىستان خىتاينىڭ تىبەت ئايرودۇرۇمىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىغا قارشى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئورۇنلاشتۇردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان خىتاي- ھىندىستان چېگرا سۈركىلىشىدە خىتاينى ئۈنۈملۈك چەكلەش مەقسىتىدە خىتاينىڭ تىبەت ئايرودۇرۇمىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىغا قارشى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئورۇنلاشتۇرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىغان مەزگىلدە خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى ۋەزىيەت يەنىلا جىددىي بولۇپ، ئىككىلا تەرەپ قىش پەسلىدە يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇرۇشقا تەييارلىقنى كۈچەيتكەن، چېگراغا نۇرغۇنلىغان ئاساسلىق تانكىلار، پىيادە ئەسكەرلەر ۋە ئۇرۇش ماشىنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ھىندىستان تۇنجى قېتىم لاداخ رايونىغا ھىندىستاندا ئىشلەنگەن چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ تىبەت ئايرودۇرۇمىدىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بازىسىغا ھۇجۇم قىلالايدىكەن.

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «قورقماس» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ يەتتە يىلدىن بېرى تەتقىق قىلىش ۋە سىناقتىن ئۆتكۈزۈش باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈپ تۇنجى قېتىم ئالدىنقى سەپكە تاپشۇرۇلغان. ھىندىستان بۇ يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق خىتاينى چېكىنىشكە قىستىماقچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ھىندىستان كۈندىلىك خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ئۆزى ياساپ چىققان «قورقماس» ناملىق ئاۋازدىن تېز چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ مۇساپىسى 1000 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، نىشانغا سەزدۈرمەي ھۇجۇم قىلالايدىكەن، شۇنداقلا دۈشمەنگە يېقىنلاشقاندا نىشان بېكىتەلەيدىكەن.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى يېڭى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، يەنە سوغۇق قىشتا جەڭ قىلالايدىغان تانكا ۋە پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ماشىنىسى بىلەن تەمىنلەنگەن.

بۇ خەۋەر 941 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2020 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق